Uyghur←Chinese主要词典
خۇس ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
胡斯运动
hú sī yùn dòng
ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى چېخ خەلقىنىڭ كاتولىك چېركاۋلىرى ۋە فېئوداللىق ئىكسپىلاتاتسىيىگە، شۇنىڭدەك گېرمانىيە مۇستەملىكە كۈچلىرىگە قارشى ئىنقىلابىي ھەرىكىتى. نامى چېخ ۋەتەنپەرۋەرى خۇسنىڭ نامىدىن كەلگەن. ⅩⅣ ئەسىردە چېخنىڭ قول سانائىتى، بولۇپمۇ كانچىلىق ئىشلىرى تەرەققىي تېپىپ، شەھەرلىرى گۈللەنگەن، تاۋار، پۇل مۇناسىۋىتى يېزىلارغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان. لېكىن ئىقتىسادىي جان تومۇرى نېمىسلارنىڭ قولىدا بولۇپ، كاتولىك چېركاۋلىرى چېخنىڭ پۈتۈن يەر مۈلۈكىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەك قىسمىنى ئىگىلىۋالغان، يۇقىرى دەرىجىلىك مىسسىئونېرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نېمىسلاردىن بولغان. گېرمانىيىنىڭ دەھرىي فېئوداللىرى چېختا كەڭرى يەرلەرنى ئىگىلىۋالغان. چېختىكى شەھەر ۋە كانلارنى گېرمانىيە شەھەرلىرىدىكى ئاقسۆڭەكلەر چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. شۇڭا، ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چېختىكى سىنىپىي زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەت مۇرەككەپلىشىپ، ئاخىرى خۇس باشچىلىقىدىكى كەڭ كۆلەملىك ئىنىلابىي ھەرىكەت كۆتۈرۈلگەن. بۇ ھەرىكەتنىڭ تىغ ئۇچى دەسلەپ كاتولىك چېركاۋلىرىغا قارىتىلغان. 1415-يىلى خۇس ئۆلگەندىن كېيىن، ھەرىكەت تېخىمۇ كەڭ قانات يايغان. ھەرىكەتكە قاتناشقۇچىلار ئۆزىنى خۇس پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى دەپ ئاتىغان. 1419-يىلى پراگا خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن خۇس ھەرىكىتى خۇس ئۇرۇشىغا تەرەققىي قىلغان (1419 - 1431). خۇس پارتىيىسىدىكىلەر ئىككى چوڭ مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن، شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن ئوتتۇرا، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەر كالىش مەزھىپىگە، دېھقانلار بىلەن شەھەر خەلقلىرى تابور مەزھىپىگە مەنسۇپ بولغان. 1420 - 1431 - يىللىرى تابور ئارمىيىسى پاپا ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپراتورى سىگسىموندنىڭ چېخقاق ارىتا ئېلىپ بارغان ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىنىڭ بەش قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. كېيىن كالىش مەزھىپى دۈشمەن بىلەن مۇرەسسە قىلىشقا ئۆتكەن (<پراگا كېلىشىمى> گە قارالسۇن)، 1434-يىلى لىپان جېڭىدە ئەسلىدىكى ئىتتىپاقچى تابورچىلارنى مەغلۇپ قىلغان. 1437-يىلى خۇس ھەرىكىتى ئاخىر مەغلۇپ بولغان. لېكىن چېخ تارىخىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ⅩⅥ ئەسىردىكى ياۋروپا دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.