Uyghur主要词典
خۇشاللىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رازى مەمنۇنلۇقتىن كۆڭۈل ئېچىلىش، كۆڭۈل كۆتۈرلۈش ھالىتى.
پۇل - مال كېتەر بوشلۇقتىن، پۇرسەت كېتەر خۇشلۇقتىن. خۇشاللىق ئازابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. خۇشاللىق بار يەردە، خاپىلىقمۇ بار. خۇشال _ خۇراملىق جاپادىن كېلىدۇ، جاپا چېكىشتىن كەلگەن خۇشال _ خۇراملىق ھەقىقىي بولىدۇ. كۆڭۈل شادلىقنى تىلەر، ئېغىز تاتلىقنى. شادلىق _ غەشلىكنىڭ ھەمشىرىسى. خۇرسەنلىك _ خورلۇقنىڭ يەمچۈكى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
خۇشال - خۇرام كەيپىيات.
خاپىلىق، غەشلىك
خاپا كەيپىيات.
دانىشمەن خۇشاللىققىمۇ، خاپىلىققىمۇ غىڭ قىلماس. خۇشاللىق قايغۇنىڭ تام قوشنىسى. شادلىق غەشلىكنىڭ ھەمشىرىسى. تاغدەك ھەسرەتكە تېرىقتەك خۇشاللىق تەسەللى.
پسىخولوگىيە
(شاتلىق) بۇ ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ياكى ئىجتىمائىي ئېھتىياجىنىڭ قاندۇرۇلۇشى بىلەن پەيدا بولغان كەيپىيات تۇيغۇسى ( ياكى ھېسىيات ھالىتى). خۇشاللىقنىڭ دەرىجىسى ئېھتىياجنىڭ قاندۇرۇلۇش دەرىجىسى بىلەن يەتمەكچى بولغان مەقسىتىنىڭ مۇھىملىقىغا ۋە بۇ مەقسەت، ئارزۇ، ئۇمىدلىرىنىڭ دەرىجىسىگە باغلىق. مەسىلەن : يەتكەن مەقسىتى ئانچە مۇھىم بولمىسا، خۇشاللىقنىڭ دەرىجىسى ئاجىزراق بولىدۇ، مەقسىتى مۇھىم بولۇپ ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىش بىلەن جىددىيلىشىپ يۈرگەندە مەقسەت ئەمەلگە ئاشسا، خۇشاللىق تۇيغۇسى زور بولىدۇ . خۇشاللىقنىڭ دەرىجىسى يەنە يەتكەن مەقسىتى كۈتكىنىدىن ئارتۇق دەرىجىدە بولغىنى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. يەتكەن مەقسىتى كۈتكىنىدىن قانچە ئارتۇق بولسا، خۇشاللىقمۇ شۇنچە زور بولىدۇ. تەدرىجىي ئاڭلانغان خۇش خەۋەرگە قارىغاندا، تۇيۇقسىز ئاڭلانغان خۇش خەۋرنىڭ خۇشاللىقى زور بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مەمنۇنلۇق، شادلىق، خۇشال ھالەت.
خۇشاللىقى قىن - قىنىغا پاتماسلىق. خۇشاللىققا چۆممەك.