Uyghur←Chinese主要词典
خۇس
دۇنيا تارىخى
胡斯
hú sī
(تەخمىنەن 1369 - 1415) چېخلىق ۋەتەنپەرۋەر ۋە دىنىي ئىسلاھاتچى. چېخ (بوخېمىيە) نىڭ جەنۇبىدىكى خۇسنېس بازىرىدىكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1393-يىلى پراگا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1396-يىلى ماگېستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1402 - 1403 - يىللىرى پراگا پراگا داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1402 - يىلدىن باشلاپ پراگا بېتخېخېم چېركاۋىنىڭ مىسسىئونېرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئەنگلاىيىنىڭ دىنىي ئىسلاھاتچىسى ۋىكلىۋىنىڭ تەسىرىگگ ئۇچراپ، ئۇنىڭدىنمۇ رادىكالراق بولغان. دىن تارقاتقان دەسلەپكى مەزگىللىرى چېركاۋلىرىنىڭ (چېخ چېركاۋلىرى جەمئىيىتى ئاساسەن گېرمانىيە مىسسىئونېرلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان) يەرئىگىلىۋېلىشىغا قارشى چىققان، شۇڭا شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى چېخ كورۇلى ۋاسلاۋ Ⅳ نىڭ قوغدىشىغىمۇ ئېرىشكەن. 1412-يىلى، خۇس ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى پاپا جون ⅩⅩⅢ (John ⅩⅩⅢ، 1410 - 1415 - يىللىرىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ چېختا گۇناھىنى ساقىت قىلىش چېكى ساتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن، شۇنداق قىلىپ، چېركاۋ بىلەن بولغان توقۇنۇشى كەسكىنلەشكەن. ۋاسلاۋ Ⅳ چېركاۋغا يان بېسىپ، خۇسنى پراگادىن قوغلاپ چىقارغان. خۇس چېخنىڭ جەنۇبىدىكى بىر يېزىغا بېرىپ دىن تارقىتىپ، كاتولىك چېركاۋىنىڭ چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىنى ۋە جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىكنى ئاشكارىلىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ماقالە يېزىپ، چېركاۋغا زەربە بەرگەن ھەم <ئىجىل>نى چېخ تىلىغا تەرجىمە قىلغا. 1414-يىلى كونستانتىن دىنى يىغىنىغا خۇس قاتناشتۇرۇلغان ۋە بىدئەت دەپ ئەيىبلەنگەن. 1415-يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن. خۇسنىڭ ئۆلۈمى چېخ خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغاپ، خۇس ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىنى تېزلەتكەن