Chinese→Uyghur主要词典
续日本纪
دۇنيا تارىخى
<ياپونىيە خاتىرىسى> نىڭ داۋامى
ياپونىيىنىڭ تارىخ كىتابى. <ياپونىيە خاتىرىسى> دىن كېيىن، خاننىڭ يارلىقى بىلەن يېزىلىپ، فۇجىۋارا ئوتسۇگو قاتارلىقلار تۈزۈپ چىققان. مىلادى 797 - يىلى (يەنلىنىڭ 16 - يىلى) يېزىلىپ پۈتكەن. خەنزۇ يېزىقىدا، 40 توملۇق. 697 - يىلى (تېننو ۋېنۋۇنىڭ تەختكە چىقىشى) دىن 791 - يىلى (تېننو خېڭۋۇنىڭ يەنلى 10 - يىلى) غىچە، جەمئىي 95 يىل ئىچىدە ئۆتكەن توققۇز ئەۋلاد تېننونىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. خاتىرىلەنگەن ئىشلار <ياپون خاتىرىسى> گە قارىغاندا تەپسىلىي ۋە ھەقىقىي بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇنلىغان تەكرارلىنىش ۋە تىزىش خاتارلىقى بار. نارا دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي، سىياسىينى تەتقىق قىلىشتا، ئاساسلىق تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.