Uyghur主要词典
خۇنۈك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىرايلىق ئەمەس، كۆرۈمسىز قىياپەت.
ئەڭ چىرايلىق مايمۇنمۇ ئادەم ئالدىدا يەنىلا سەت. سەت تونۇڭنى سىرتقا كىيمە. خۇنۈكنى پەردازلىساڭمۇ خۇنۈك. ئۇ ئۆرىنى سوغۇق نېمىكەنا. دۈشمەننىڭ بەتبەشىرىسى ئاشكارا بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ئوچۇق ئەمەس، سۈزۈك ئەمەس، غۇۋا خىرە.
بۇ پاجىئە قوزغىلاڭ تارىخىنىڭ بىر خۇنۈك سەھىپىسى بولۇپ قالدى.
كۆرۈنۈشى، سىرتقى قىياپىتى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلمايدىغان، كۆرۈمسىز، سۆرۈن، يېقىمسىز، سەت.
خۇنۈك ھالەت. خۇنۈك قىياپەت.
كىشىلەر بۇزۇقلارنىڭ خۇنۈك ئەپتىگە نەپرەتلىك بېقىشلىرى بىلەن نەزەر سالماقتا.
كۆچمە. قۇلاققا ياقمايدىغان، يېقىمسىز ئاڭلىنىدىغان.
بېشى ياغاق، چېچى پاخماق، جىنۇ ئالۋاستى بولۇپ ئامراق، گاچا ھاڭراپ، توكۇر قايناپ، خۇنۈك بەزمە قىزىپ كەتتى.
نۇرسىز.
ئۇ كېسەل ئازابىدىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن خۇنۈك كۆزلىرىنى لۆممىدە ئاچتى - دە: - قىزىم، قىزىم، - دەپ ئۈزۈپ - ئۈزۈپ توۋلىدى.