Uyghur主要词典
خۇمارلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. خۇمار بولغان ھالەت.
ئاچلىقتىن خۇمارلىق يامان (ماقال).
سۈپ. خۇمارلاشقان.
ئايدىڭ كېچە، شولىلار بىردە قىزنىڭ ئۇيقۇسىز، خۇمارلىق كۆزلىرىنى، بىردە قىزىل ئىچ كۆڭلىكىنى، ئەمدىلا كۆتۈرۈلۈپ چىققان كۆكسىنى يورىتىدۇ.
سۈپ. كىشىنىڭ خۇمارىنى قوزغايدىغان، كىشىنى خۇمار قىلىدىغان.
سەھەردە ئويغىتىپ دىلنى، خۇمارلىق سايرىدىڭ كاككۇك، باھارنى سەن زىمىستاندىن كۈيۈڭدە ئايرىدىڭ كاككۇك.
سۈپ. خۇمارنى بېسىش رولىنى ئوينايدىغان.
رومالىڭنى ئۇچىدىن كېسىۋالاي تۇمارلىق، يارىم ماڭدى سەپەرگە، سۆيۈۋالاي خۇمارلىق.