Uyghur主要词典
خۇلل
دۇنيا تارىخى
(1871 - 1955) ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى (1933 - 1944). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. 1891-يىلى كولۇمبىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1893 - 1897 - يىللىرى تېننېشى شتاتلىق پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1903 - 1907 - يىللىرى بۇ شتاتتا سەييارە سوتچى بولغان. كېيىن پارلامېنت ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان مەزگىلىدە، ئىجتىمائىي مۇتەئەسسىپ كۈچلىرىنىڭ <يېڭى سىياسەت> كە بولغان نارازىلىقىنى پەسەيتكەن، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدا <ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتى> نى يولغا قويغان؛ ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ فاشىست گېرمانىيىگە قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى قۇۋۋەتلىگەن؛ ياپونىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان، ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلىرىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. 1944-يىلى 11-ئايدا ئىستېپا بەرگەن. ئىككىنچى يىل نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.