Uyghur主要词典
خۇيخۇيجاۋ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنى بۇرۇن جۇڭگودا <خۇيخۇيجاۋ> (回回教) دەپ ئاتالغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى ماخۇەن ئۆز ئەسىرىدە ئىسلام دىنىنى <خۇيخۇيجاۋ> دېگەن. جاچىڭ يىللىرى (1522 - 1566) دا لاڭ يىڭ ئەسىرىدە <خۇيجاۋ> دەپ، <ئۇيغۇرلار> نىمۇ كۆزدە تۇتقان، قاراخانىيلار سۇلالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. تىلغا راۋان قىلىپ <خۇيخۇي> دېيىلگەن. بۇ يەردىكى <خۇيخۇي> ئىسىم بومىغاچقا، مىللەتنى كۆرسەتمەيدۇ. <لياۋ يىلنامىسى> دىكى <خۇيخۇي دۆلىتى>، <خۇيخۇي> ئەرەب مەھكىمىسىدە قاراخانىيلار خاندانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. يۈەن سۇلالىسىدىن بۇيان <خۇيخۇي> دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسى كېڭەيدى. جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغۇچىلار ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى شۇنداق ئاتالدى. <خۇيخۇي دېمەك مۇسۇلمان دېمەكتۇر> دەپ چۈشەندۈرۈلدى. كېيىن ئىسلام دىنى <خۇيخۇيجاۋ> دەپ ئاتالدى. مىڭ سۇلالىسىدىن كېيىن، <خۇيجاۋ> دەپ قىسقارتىپ قوللىنىلدى.