Uyghur←Chinese主要词典
خۇڭدې قانۇنلىرى
دۇنيا تارىخى
洪德法典
hóng dé fǎ diǎn
<خۇڭدې قانۇن مىزانى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋيېتنامنىڭ كېيىنكى لى سۇلالىسىنىڭ شېنزۇڭ خۇڭدې يىللىرى (1470 - 1497) دىكى قانۇن ۋە ئەمر - پەرمانلىرى. جىنايى ئىشلار قانۇنى، نىكاھ ۋەئائىلە قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇنى، دەۋا قانۇنى قاتارلىقلانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر تۈزۈمى، ئەمەلدارلارنىڭ مائاشى، جەمئىيەت ۋە ئائىلىدىكى ئەزىز بىلەن ھەقىرلىق تەرتىپى قاتارلىق بەلگىلىمىلەر بار. ئۇسلۇب ۋە مەزمۇنى كۆپرەك جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسىدىكى ئەمر - پەرمانلارغا تەقلىد قىلىنغان. كېيىن تولۇقلانغان، جەمئىي 721 ماددىدا تەركىپ تاپقان بولۇپ، 6 توم 16 بابقا بۆلۈنگەن، <لى سۇلالىسىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى> دەپ ئاتىلىپ، تاكى ⅩⅤⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر يولغا قويۇلۇپ كەلگەن.