Uyghur主要词典
خۇدىڭجۇ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1522 - 1597)مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۆلىما. تەخەللۇسى مىڭپۇ (پۇجاۋمۇ دېيىلىدۇ). شەنشى شيەنياڭدىكى ۋىچىڭلىدىن، خۇيزۇ. كىچىكىدە شۇ يەردىكى بىلىملىك زاتلارنى ئۇستاز تۇتقان. خەنزۇچە يېزىقتىكى سۈرە - ئايەتلەرنىڭ ۋە ئۇلارنى بىلىدىغان ئادەملەرنىڭ ئازلىقىنى، بولغان تەقدىردىمۇ تەرجىمىسىنىڭ ئېنىق بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسلام دىنىغا دائىر كىتابلارنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلماقچى بولدى. سۈرىلەرنى ئاغزاكى سۆزلەپ بېرىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەدرىسىدە تەربىيىلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلدى. دەسلەپ ئائىلىسىدە مەرىسە ئېچىپ، يېرىم كۈن ئىشلەپ، يېرىم كۈن ئوقۇيدىغان بالىلارنى قوبۇل قىلدى. كېيىن مەسچىت تەۋەلىكىدە مەدرىسە ئېچىپ، ھەم سەدىقىغە، ھەم مەسچىتنىڭ ياردىمىگە تاياندى. شۇنىڭدىن كېيىن مەسچىتلەردە مەدرىسە ئېچىش باشلىنىپ، شەنشى، خېنەن، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردا ناھايىتى تېز ئومۇملاشتى. خۇدىڭجۇ دىنىي پەلسەپىنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەرەبچە دىنىي كىتابلاردىن دەرس ئۆتۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. ئۇنىڭ تەلىماتى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، مەدرىسە تەربىيىسى بويىچە <شەنشى ئېقىمى> بولۇپ قالدى. شۇ چاغلاردا شەنشى رايونى <قۇرئان تىلاۋەت قىلىدىغانلارنىڭ ماكانى> دەپ تەرىپلەندى