Uyghur主要词典
خۇددى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوخشىتىش مەنىسىدە كېلىپ، ئوخشىتىشنى كۈچۈيتىدۇ.
خۇددى تۇلۇن ئايدەك چىرايلىق بىر قىزنى كۆردۈم. ئۇ گويا ھېچنېمە بولمىغاندەك تۇراتتى. گوياكى جىمى ئالەم قاراپ تۇرغاندەك سېزىلدى ئۇنىڭغا. ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي. بۇ بالا بەئەينى ئانىسىغا ئوخشاپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
پارىسچە
ھېچبىر ئۆزگىچىلىكى يوق؛ قۇيۇپ قويغاندەك؛ بەئەينى، گويا، ئەينەن.
ئۇ بالا خۇددى دادىسىغا ئوخشايتتى.
دەل.
خۇددى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، ھېلىقى يىگىت بۇلبۇلگويا تۇرغان باغقا قاراپ مېڭىپتۇ.
جۈملىنىڭ ئوخشاشلىقىنى بىلدۈرىدىغان بۆلەكلىرىنىڭ ئالدىدا كېلىپ، <- دەك، تەك>، <ئوخشاش> سۆزلىرى بىلەن ماسلىشىپ، ئوخشاشلىقنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇ خۇددى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك سۆزلەۋاتاتتى.