Uyghur←Chinese主要词典
خوئوۋېر
دۇنيا تارىخى
胡佛
hú fó
(1) ھېربېرت كلارك خوئوۋېر (1874 - 1964). ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1929 - 1933). جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. 1895 - يىلى ستامفورد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. كيېىن كان ئىنژىنىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئاۋسترالىيە، جۇڭگو، ئافرىقا، ئوتتۇرا جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە روسىيەدە كانچىلىق ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. 1914 - 1921 - يىللىرى چەت ئەلنىڭ ھەرخىل قۇتقۇزۇش كومىتىتى ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاشلىق ئورگانلىرىدا ئىشلىگەن. 1192 - 1928 - يىللىرى سودا مىنىستىرى بولغان. 1928 - يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىللىرى ئېغىر ئىقتىسادىي بوھرانغا دۇچ كەلگەندە جىددىي قۇتقۇزۇش قانۇنىنى ماقۇللاپ، شتات ئامانەت - قەرز بانكىسى، قوشما شتات يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كىرىدىت شىركىتى قۇرۇپ، تاموژنا بېجى نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دېگەندەك ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەن. <ياردەم پۇلى تەلەپ قىلغۇچىلار> نى باستۇرغان. سرتقا قارىتا خەلقئارالىق قەرز پۇلنى كېچىكتۈرۈپ تۆلەشتىن ئىبارەت <خوئوۋېر پىلانى> نى ئوتتۇرغا قويغان. 1930 - يىلى لوندون دېڭىز ئارمىيىسى يىغىنىدا دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي تەييارلىقلار مەسىلىسىدە ئەنگىلىيە ۋە ياپونىيە بىلەن ۋاقىتلىق مۇرەسسەگە كەلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن <خوئوۋېر كومىتېتى> نىڭ رەئىسى بولغان (1947 - 1949، 1953 - 1955) ۋە سەھىيە، مائارىپ ۋە پاراۋانلىق مىنىستىرلىكى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ غەربىي ياۋرۇپادىن چېكىنىپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ <ئەسلىمە> قاتارلىق كىتابلىرى بار.(2) جون ئېدگار خوئوۋېر (1895 - 1972) ئامېرىكا قوشما شتات تەكشۈرۈش ئىدارىسنىڭ باشلىقى (1924 - 1972). ئىلگىرى پارلامېنت كۇتۇپخانىىدا ئىشلىگەن، ۋاشىنگتون داشۆسىنىڭ كەچ كۇرىسىدا ئوقۇپ، قانۇنچىلىق بويىچە باكلاۋىر ۋە ماگىسترلىق ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. 1917-يىلى ئەدلىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ياللىنىپ ئارخىپ تەكشۈرگۈچى بولۇپ ئىشلىگەن، ئىككى يىلدىن كېيىن ئامېرىكا باش تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، 60 مىڭ ئادەمنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، <پالمېرو تۇقۇنى> ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. ئەدلىيە مىنىستىرلىكىدە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىللىرى ئىدارە ئورگانلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن، مەركىزىي بارماق ئىزىنى ساقلاش ئورنى، جىنايەت تەجرىبىخانىسى قۇرغان، مەملىكەتلىك ئالدامچىلىق قىلمىشى ئارخىپى، ماشىنىستلار ئارخىپى ۋە ماشىنا - ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇرىنى ئالماشتۇرۇش ئارخىپى ۋە ماشىنا - ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇرىنى ئالماشتۇرۇش جەدۋىلى قاتارلىق ئالاھىدە تەشكىلاتلارنى تەشكىللىەن ۋە تۈزۈم ئورناتقان. تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىسمىنى قوشما شتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 1939-يىلى زۇڭتۇڭنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن خەۋپسىزلىك ۋە جاسۇسلارغا قارشى تۇرۇش پىلانىنى يۈرگۈزگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن <قوشما شتاتقا سادىقلىقنى تەكشۈرۈش قانۇنى> نى ئىجرا قىلىپ، ئىلغار زاتلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، كوممۇنىستلارنى باستۇرغان. ئۇنىڭ <ئالدامچىلىق ماھىرى>، <كوممۇنىزم توغرىسىدا تەتقىقات> (يەنە بىر ئىسمى <خوئوۋېرنىڭ كوممۇنىزمنى توغرىسىدا>) قاتارلىق كىتابلىرى بار.