Uyghur←Chinese主要词典
خوئارې
دۇنيا تارىخى
霍尔
huò ěr
(1880 - 1959) ئەنگلىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1935). كونسېرۋاتىپلار پارىيىسىنىڭ ئەزاسى، 1910-يىلى تۆۋەن پالاتانىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ئەزالىقىغا سايلانغان. 1922 - 1924، 1924 - 1929 - يىللاردا ئاۋىئاتسىيە ۋەزىرى بولغان. 1931-يىلى ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان، 1935-يىلى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىنى تۈزۈپ، ھىندىستاننى ئىچكى ئىشلار جەھەتتە چەكلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان، 1935-يىلى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، ئىتالىيىنىڭ ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلى ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلغان چاغدا، فرانسىيە زۇڭلىسى لاۋال بىلەن يەڭ ئىچىدە كېڭىشىپ، ئېفىئوپىيىنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىدىغان كېلىشىم (<خوئارى - لاۋال كېلىشىمى>) نى تۈزۈپ، ئىچكى - تاشقى جامائەت پىكرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە دېڭىز ئارمىيىسى ۋەزىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1938-يىلى چېمبېرلىننىڭ <ميۇنخېن كېلىشىمى> نى ئىمزالىشىنى پائال قوللىغان. كېيىن ئاۋىئاتسىيە ۋەزىرى (1940)، ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق پەۋقۇلئاددە ئەلچى (1940 - 1944) بولغان، 1944-يىلى ۋىكوندلىققا تەيىنلەنگەن. <جاپامۇشەققەتلىك توققۇز يىل> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.