Uyghur←Chinese主要词典
خوۋسې
دۇنيا تارىخى
豪斯
háo sī
(1858 - 1938) ئامېرىكا ئەمەلدارى. كورنېلل داشۆسىدە ئوقۇغان. كېيىن ئاتىسىنىڭ كېۋەز ئېكىنزارلىقى ۋە بانكىسىغا ۋارىسلىق قىلغان. تېكساس شتاتىنىڭ باشلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغاچقا، <پولكوۋنىڭ خوۋسې> دەپ تەرىپلەنگەن. 1912 - 1919 - يىللاردا ۋېلسۇن زۇڭتۇڭنىڭ مەسلىھەتچىسى ھەمدە زۇڭتۇڭ بىلەن كارخانا، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئالاقە تۈگۈنى بولغان. 1917-يىلى ۋېلسۇننىڭ <14 نۇقتىلىق پىلان> نى تۈزۈشكە قاتناشقان. كېيىن ئامېرىكىنىڭ پارىژ تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان بەش كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولغان ۋە <خەلقئارا ئىتتىپاق ئەھدىنامىسى> ھەم مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىنى بەلگىلەشكە تىرىشقان. ۋېلسۇن مېڭىسىگە قان چۈشكەندىن كېيىن كېڭەش پالاتاسى بىلەن مۇرەسسەلىشىپ ئۇنىڭغا <خەلقئارا ئىتتىپاق ئەھدىنامىسى> نى تەستىقلاتماقچى بولغاندا، ۋېلسۇن ئۇنى رەت قىلغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. 1932-يىلى روزۋېلتنىڭ زۇڭتۇڭ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشقا مەدەت بەرگەن. <پولكوۋنىڭ خوۋسېنىڭ مەخپىي خاتىرىسى> دېگەن ئەسىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
豪斯〈美〉
háo sī 〈měi 〉