Uyghur主要词典
خوتەن مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسچىت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن ناھىيىسىدىكى 1 _ رايوندا بولۇپ، مەسچىتنى 1867 _ يىلى نىياز بەگ سالدۇرغان. كېيىن مەسچىت نەچچە قېتىم رېمونت قىلىدۇرۇلغان. مەسچىتنىڭ دەرۋازىسى چوڭ بولۇپ، ئەگمە شەكىلدە ياسالغان. دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىگە مۇنارسىمان بىنا سېلىنغان. خانىقا ئىچكىرى ۋە تاشقىرى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بۇ مەسچىت خىش ۋە ياغاچ بىلەن سېلىنغان. مەسچىتنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 6 مىڭ 600 كۋادرات مېتىر. مەسچىتتە 11 مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ.