Uyghur←Chinese主要词典
خوسراۋ
دۇنيا تارىخى
哥士娄二世
gē shì lóu èr shì
(؟ - 628) ئىران ساسانىلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (590 - 628). ۋىزانتىيىلىكلەر كوسلوئىس Ⅱ دە ئاتىغان. لەقىمى پارۋىز (<غالىپ> دېگەن مەنىدە). ئاتىسى خورمىزد Ⅳ (579 - 598 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ئوردىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتەئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان، كۆپ ئۆتمەي قول ئاستىدىكىلىرى توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكتىن ئىستانبولغا قېچىپ بېرىۋالغان. ۋىزانتىيە پادىشاھى مائۇرىسنىڭ ياردىمى بىلەن قايتىدىن تەختكە چىققان. مىلادى 602 - يىلى مائۇرىس ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مائۇرىس ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش نامى بىلەن ۋىزانتىيىنىڭ قولىدىن سۈرىيە، پەلەستىن، مىسىر ۋە كىچىك ئاسىيانى تارتىۋالغان. 617 - يىلى ئىستانبولنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى چالىسېدونغا يېتىپ بارغان. 622 - يىلى ۋىزانتىيە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن؛ 627 - يىلى نىنېۋى جېڭىدە يېڭىلگەن. ياندۇرقى يىلى ئوغلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن (ئاغرىپ ئۆلگەن دېگەن گەپمۇ بار). شۇنىڭ بىلەن بېسىۋېلىنغان ۋىزانتىيە زېمىنى قولدىن كەتكەن.