Uyghur←Chinese主要词典
خورتىي
دۇنيا تارىخى
霍尔蒂
huò ěr dì
(1858 - 1957) ۋېنگرىيىلىك فاشىست مۇستەبىت (1920 - 1944)، دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 14 ياشتا ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەربي شۆيۈەنىگە كىرگەن. 1909 - 1914 - يىللىرى پادىشاھنىڭ خاس شتاب ئوفىتسېرى بولغان. 1918 - يىلى ئاۋسترو - ۋېنگرىيە دېڭىز - ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1919 - يىلى ۋېنگرىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئەكسىلئىنقىلابىي <خەلق ئارمىيىسى> نى تەشكىللەپ، جاھانگىرلىك بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنى باستۇرغان. 1920-يىلى <ۋېنگرىيە پادىشاھلىقىنىڭ نائىبى> دېگەن نام بىلەن پادىشاھلىق تۈزۈمنى كەلتۈرۈپ، ئىستىبدات ھاكىمىيەت قۇرغان. 1940-يىلى گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە فاىشستلىرى ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. ئىككىنچى يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1944-يىلى، سوۋېت ئارمىيىسى ۋېنگرىيىسىنىڭ دۆلەت تۇپرىقىغا قىستاپ يېقىنلاشقاندا ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىشقا ئۇرۇنغاندا ئەمەلگە ئاشمىغان. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى گېرمانىيىنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا ھوقۇقنى كىرىست پارتىيىسىنىڭ بالشىقى سالاسى قېرىنىس (1897 - 1946) قا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. كېيىن گېرمانىيىدىكى باۋارىيىگە قامالغان. گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، 1946-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. پورتۇگالىيىدە سەرگەردان بولغان. <ئەسلىمىلەر> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.