Uyghur←Chinese主要词典
خورساباد ئوردىسى
دۇنيا تارىخى
赫尔沙巴德王宫
hè ěr shā bā dé wáng gōng
ئاسسۇرىيە پادىشاھى سارگون Ⅱ يېڭى پايتەخت تۇرساررۇكىن (<ساررۇكىن قورغىنى> دېگەن مەنىدە، بۈگۈنكى ئىراقنىڭ خورساباد دېگەن يېرىدە) قۇرغان ئوردا. شۇڭا سارگون ئوردىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلغان. ئوردىنىڭ ئەتراپىغا مۇستەھكەم سېپىل سېلىنغان. ئوردىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇشلىرى سېپىل ئىىچدىكى ئېگىز ۋە كەڭ سۈنئىي سۇپىنىڭ ئۈسىتگە سېلىنغان، 111 ئېغىز زال ۋە 30 ھويلا - ئارام بولۇپ، جۈملىدىن چوڭ زال، ھەرەم، ئامبار، قورال - ياراق ئۆيى، ئىبادەتخانا، مۇنار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوردا ئىنتايىن ھەشەمەتلىك، تامنىڭ تۆۋەن قىسمى قاپارتما نەقىش چۈشۈرۈلگەن تاش بىلەن ياسالغان. ئۈستى ۋە تورۇسى سىر ۋە رەڭدار رەسىم بىلەن بېزەلگەن. تېپىلغان يادىكارلىق نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ، ئوردا دەرۋازىسىنى قوغدىغۇچى ھايۋان ھەيكىلى ۋە نەقىشلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئەنگىلىيە لوندوندىكى بۈيۈك ئەنگىلىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا. خارابىدىن يەنە ئاسسۇرىيە دۆلىتىنىڭ پادىشاھ ئىسىملىكى تېپىلغان. بۇ ماتېرىيال ئىنتايىن يۇقىرى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.