Uyghur←Chinese主要词典
خوپلىتېلار
دۇنيا تارىخى
贺浦力特
hè pǔ lì tè
قەدىمكى يۇنان شەھەر بەگلىكلىرى ۋە ماكېودنىيىدىكى بىر خىل ئېغىر قوراللانغان پىيادە ئەسكەرلەر. ئۇلارنىڭ قورال - جابدۇقى ئىچىدە دوبۇلغا ۋە ساۋۇتتىن باشقا يەنە خەنجەر، نەيزە ۋە قالقانمۇ بار. ئادەتتە بۇلارنى ئەسكەرلىككە كىرگۈچىلەر ئۆزى تەييارلايدۇ، شۇڭا خوپلىتېلار كۆپىنچە مۈلۈكدارلاردىن كېلىدۇ. رىمدىكى ئېغىر قوراللانغان پىيادە ئەسكەرلەر لىگونارىلار دەپ ئاتىلاتتى.