Uyghur主要词典
خولستېن
دۇنيا تارىخى
(1837 - 1909) گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىك ئەمەلدارى. بيۇروكرات پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا بېرلىن داشۆسىدە ئوقۇغان. بىسمارك بىلەن روسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ھەم بىسماركنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. دانىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بىسماركنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەكىلى سۈپىتىدە لوندون يىغىنىغا قاتنىشىپ، دانىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئارىلاشقان. 1865 - 1867 - يىللىرى ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى فرانسىيىنى ئومۇميۈزلۈك يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىتالىيە بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل بولغان ۋە ئۇنىڭدا مۇۋەپپىقىيەت قازانغان. 1871 - 1876 - يىللىرى فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1878 - يىلدىن باشلاپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ بىسماركنڭ تاشقى سىياسەت تۈزۈشتىكى كۈچلۈك ياردەمچىسى بولۇپ قالغان. كېيىن روسىيەگە قارىتىلغان تاشقى سىياسەت جەھەتتە بىسمارك بىلەن پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلۇپ، بارا - بارا كېلىشەلمەي قالغان. بىسمارك ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى جىددىيلەشتۈرگەن. كېيىن 1 - قېتىملىق مەراكەش كرىزىسىدە (1905 - 1906) ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغاندا مەغلۇپ بولغان. 1906 - يىلى 4 - ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.