Uyghur←Chinese主要词典
خولىن ئېستېرازا
بىئولوگىيە
胆碱酯酶
dǎnjiǎnzhǐméi
خولىن ئېستېرىنى خولىن ۋە ئورگانىك كىسلاتاغا گىدرولىزلايدىغان ئېنزىم بولۇپ، تەسىر قىلىدىغان ئاساسىي ماددىسىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ئىككى سۇب تۈرگە بۆلۈنىدۇ: (1) ئاتسېتىل خولىننى گىدرولىزلىغۇچى ئېنزىملار (AChE)، ئاتسىتېل خولىن، β - ئاتسېتىل خولىن قاتارلىقلارنىڭ گىدرولىزلىنىشىغا كاتالىزاتورلۇق قىلىدۇ، ئاساسەن نېرۋا ھۈجەيرىلىرى، نېرۋېلارنىڭ مۇسكۇلىدىكى ئۇلىنىدىغان ئورنى، قىزىل قان ھۈجەيرە پەردىسى ۋە بېلىقلارنىڭ توك چىقىرىش ئەزاسىغا تارقالغان. (2) ئاتسىللاشقان خولىن ئاتسىلنى گىدرولىزلىغۇچى ئېنزىملار بۇتىرىل خولىن، پروپىئونىل خولىن، ئاتسېتىل خولىن قاتارلىقلارنىڭ گىدولىزلىنىش رېئاكسىيىسىگە كاتالىزاتورلۇق قىلىدۇ. ئاساسەن نېۋروگلىئا ھۈجەيرىسى، قان پلازمىسى، جىگەر ۋە ئۈچەي شىللىق پەردىسىگە تارقالغان. ئاتسېتىل خولىن (ACh) دىكى خولىن نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان خىمىيىۋى ماددا، ACh كۋانت شەكلىدە پەردىنىڭ سىرتىغا ئۆتۈپ، ئۆسۈكچىلەر تېگىشمە پەردىسىدىكى خولىنلىق ئاكسېپتورغا تەسىر قىلىپ ئېففېكتورنى قوزغىتىدۇ، ACh يەتكۈزۈشنى تاماملىغاندىن كېيىن AChE نىڭ ئاكتىپلىقى نېرۋىنىڭ ئۆتكۈزۈشىگە نىسبەتەن تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. تۇبوكۇرارىن ياكى ئورگانىك فوسفورلۇق دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئورگانىزمنى زەھەرلەيدىغانلىقى ياكى ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرەلىشى، شۇنىڭدىكى ئۇلار AChE نىڭ ئاكتىپلىق مەركىزىدىكى سېرىن قالدۇقى بىلەن بىرىكىپ ئاسانلىقچە گىدرولىزلانمايدىغان فوسفورىل - خولىن ئېستېر ئېنزىمىگە ئايلىنىدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقى تورمۇزلىنىپ ئاتسېتىل خولىن موسكۇلىدىكى ئۇلىنىدىغان ئورنىدا يىغىلىۋېرىدۇ، نېرۋىلار زىيادە قوزغىلىشچان ھالەتتە تۇرغانلىقتىن، مۇسكۇللار تارتىشىپ، قېتىپ قېلىپ ئۆلىدۇ. AChE - قەنت ئاقسىللىق شارسىمان مولېكۇلىدۇر.