Uyghur主要词典
خوجايىن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىگىدارلىق قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى.
ئاش ئىگىسى بىلەن تاتلىق. ئىگىسى رازى بولمىغان ئاش قورساق ئاغرىتار. مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام. ئىگىسىدىن ئايرىلسا ئىتمۇ يىغلار. بۇ ئىشقا مەن ئىگە. تىرىشچانلىق ۋاقىتنىڭ خوجىسى. پۇلنىڭ قۇلى بولما، خوجايىنى بول.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
نۇرغۇن پۇل - مال ئىگىسى. ھازىر شىركەتلەرنىڭ مۇدىرلىرىنىڭ ئېغىزچە ئاتىلىشى.
مالاي، چاكار، خىزمەتكار، غالچا
خوجايىنىغا مەلۇم ھەق ئېلىپ، مەلۇم ۋاقىت ئىشلەپ بېرىدىغان كىشى، ياللانغان كىشى.
پۇل - ياخشى مالاي ھەم رەزىل خوجايىن. يۈز كۈن يەلپۈگەن غالچا، بىر كۈن يەلپۈگەن ئاغىچا. يالاقچى يالاپ تويماس، غالچا غاجىلاپ. ئون خوجىكامدىن بىر چاكار يامان. ئۈزۈڭگە كۆرمىسەڭ راۋا، باشقىغا بەرمە ئازار؛ بۇنى بەكمۇ ياخشى ئېيتتى خوجايىنغا خىزمەتكار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىرەر نەرسىگە ياكى كىشىگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى.
ئۆينىڭ خوجايىنى.
مەھەللىمىزدە يېرىنى تېرىيالمايدىغان بىر نەچچە دېھقانلار بىلەن ئورتاقلىق قىلىدىغان بىر خوجايىن بار ئىدى.