Uyghur←Chinese主要词典
خوفت
دۇنيا تارىخى
荷夫特
hé fū tè
(1581 - 1647) گوللاندىيىلىك گومانىتار ئالىم، شائىر ۋە تارىخشۇناس. ئۇنىڭ دادىسى ئامىستىردام شەھىرىنىڭ باشلىق بولغان. 1598 - 1601 - يىللىرى فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلغان. 1606 - 1609 - يىللىرى لېيدېندا قانۇنچىلىق ۋە تارىخنى تەتقىق قىلغان. 1609 - يىلى مۇيدېندا مەمۇرىي ئەمەلدار بولغان. ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا بىر تۈركۈم مەشھۇر سەنئەتكارلار، شائىرلار ۋە ئالىملارنى توپلىغان، بۇ گوللاندىيە تارىخىدا <مۇيدىن ئىمىلداشلىرى> دەپ ئاتالغان. ئاساسىي تارىخىي ئەسىرى بولغان 20 توملۇق <نېدىرلاند تارىخى> 1642 - يىلى نەشىر قىلىنغان.