Uyghur←Chinese主要词典
خىموترىپسىن
بىئولوگىيە
胰凝孔蛋白酶
yíníngkǒngdànbáiméi
ئاشقازان ئاستى بېزىدە زىموگېن ھالىتىدە ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئاقسىللارنى گىدرولىزلىغۇچى بىر خىل ئېنزىم. خىموترىپسىنوگېن (245 دانە ئامىنو كىسلاتا قالدۇقىدىن تۈزۈلگەن) نى ترىپسىن ئاكتىپلاشتۇرغاندىن كېيىن، Leu 16 - Arg 15 ئارىلىقىدىكى پېپتىد بېغى ئۈزۈلگەندىلا ئاندىن ئېنزىم ئاكتىپلىشىدۇ، مۇشۇندان ھاسىل بولغان л - خىمو ترىپسىننىڭ ئاكتىپلىقى ئەڭ يۇقىرى، ئەمما تۇراقسىز بولىدۇ. л - تىپلىق ئېنزىم ئۆزىدىن ئىككى پېپتىدنى يوقىتىپ ئۆزلۈكىدىن ئاكتىپلىشىپ، تۇراقلىق α - تىپلىقنى ھاسىل قىلىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئاكتىپلىقى л - تىپلىقنىڭ پەقەت 5 / 2 دەك بولىدۇ. ئاكتىپ خىموترىپسىن مەخسۇس ئاروماتىك (خۇش پۇراق) ئامىن رادىكالىنى ياكى چوڭراق قۇتۇپسىز يان زەنجىرىدىكى ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ كاربوكسىلىدىن ھاسىل بولغان پېپتىد بېغىنى گىدرولىزلايدۇ. ئۇلار تەخمىنەن PH 3.0 دە ئەڭ تۇراقلىق بولىدۇ. لېكىن PH قىممىتى يۇقىرى بولغاندا، يەنى تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغاندىمۇ ئۇنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي ماددىغا مەخسۇس تەسىر قىلىدىغان خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئاقسىللارنىڭ خىمىيىلىك تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ. كلىنىكىدا ھەر خىل يىرىڭلىق ياللۇغلىنىشلارنى داۋالاشتا، ئىششىق قايتۇرۇشتا، بۇزۇلغان توقۇلمىلارنى چىقىرپ تاشلاپ، جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىشتە ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال,تېببىي
糜蛋白酶
mí dàn bái méiDتېببىي
胰凝乳蛋白酶
yí níng rǔ dàn bái méi