Uyghur主要词典
خىلۋەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئادەملەردىن، كۆزدىن يىراق، ھېچكىم كۆرمەيدىغان، پىنھان، خالىي:
يالغۇز، تەنھا؛ يالغۇزلۇق، تەنھالىق:
1. تەۋەككۇلتۇ ئىلەللاھ دەپ يولۇڭغە كىردىلەر شەۋقى،
ئۈمىد ئەتكەچ ۋىسالىڭ خىلۋەتىدىن ئۆزنى خار ئەيلەپ.
شەۋقى.
2. بۇ رەڭ خىلۋەتكى نى تاڭ بەلكى ئادەت بۇدۇرۇ بولغاچ،
كى تالىب مىيزبان، مەتلۇب بولغاي مېھمان ئاندا.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خالى، كىشىسىز جاي: خىلۋەت ئەيلىمەك - خالى قىلماق، بوشاتماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوشۇرۇن، كۆپكە مەلۇم ئەمەس.
ئازمىغان گۇناھتىن خالىي بولار. خىلۋەت جايدا خەير بار. ئارتۇقچە كەمتەرلىك پىنھان تەكەببۇرلۇقتۇر. ئاغلاق يېر _ خىلۋەت يەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
كۆپ كىشى بارمايدىغان؛ ئادەملەردىن، كۆزدىن يىراق؛ ھېچ كىم كۆرمەيدىغان، خالىي؛ چەت، ياقا (يەر - جاي ھەققىدە).
خىلۋەت جاي. خىلۋەت ماكان.