Uyghur主要词典
خىلاپ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قارشى، قارىمۇ قارشى، زىت:
يالغان:
1. كى سەرداردىن زۇلم شەيېئدۇرۇر،
خىلاف ئەمر ئىش ئانچە ۋاقېئدۇرۇر.
ئا. نىزارى.
2. چۇ ماقتاپ ئۆزۈڭنى تولا ئۇرما لاف،
بۇ ئۇرغان سۆزۈڭ بەئزىسدۇر خىلاف.
غەرىبى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
باب ۋە مۇۋاپىق ئەمەس، قارشى.
ئۇيغۇن، ماس
باب ۋە مۇۋاپىق.
شامالنىڭ يۆنىلىشى سەيياھنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ. سۆزۈڭ ئىشىڭغا ماس كەلسۇن. ئۆتكەندىكى تەجرىبىنىڭ ھازىرغا ئۇيغۇن كېلىشى ناتايىن. قانۇنغا ئۇيغۇن ئىشنى قىل، قانۇنغا خىلاپ ئىشنى قىلما. ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا زىت ئىشنى قىلما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
قارىمۇقارشى، زىت.
تۇرسۇن نىكاھ قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاممىنى يېڭى نىكاھ قانۇنىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلىدى.