Uyghur主要词典
خىجالەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇيىلىش، ئىزا تارتىش، خىجالەت:
خىجالەت بابىدىن ھەر كۈندە مىڭ تۈرلۈك ئاچىلمىشدۇر،
بۇ رەڭگىنى كىشى كۆرگەي دېگەيلەر كىم سەمان كاغەز.
شەۋقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇياتتىن كېلىپ چىققان ئوڭايسىزلىق تۇيغۇسى.
« بولماق »، « قىلماق » بىلەن پېئىللىشىدۇ.
خىجىل بولماي دېسەڭ، خاتا ئىش قىلما. راست سۆزگە خىجالەت بولۇش يوق. شۇنداق بىر ئىش تاللىۋال، شۇنداق ئەمگەك قىل، ئۆمرۈڭدە ئۇنىڭدىن خىجالەت بولما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشى ئالدىدا ئۇيالغانلىقتىن، ئۆزىنى قولايسىز سېزىش، ئوڭايسىزلىق ھېس قىلىش؛ ئۇيىلىش ھېس - تۇيغۇسى.
بارنىڭ خىجالىتىدىن يوقنىڭ خىجالىتى يامان (ماقال).
قىيىنچىلىق، ئېھتىياج.
- نېمە خىجالىتىڭ بار؟ قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن، - دېدى ئۇ ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ.