Chinese→Uyghur主要词典
希普勒
دۇنيا تارىخى
ھىپلېر
(تەخمىنەن 1465 - 1526، 1524 - 1525 - يىللاردىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلسىدىن كېلىپ چىققان. 1525 - يىلى باھاردا ئودېنۋالد )فرانكونىيە تەۋەسىدە( تاغ رايونىدا قوزغىلاڭ قىلغان، كېيىن يېقىن ئەتراپ رايونىدىكى قوزغىلاڭچى دېھقانلاردىن تەشكىللەنگەن <ئاقلار قوشۇن> ى بىلەن بىرلەشكەن. ئۇ، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئۆزى ئىگىلىۋالغان. شەھەر ئاھالىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، رىتسارلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، قەلئە ۋە موناستىرلارغا ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىپ، قوزغىلاڭنى فېئودالىزمغا قارشى خاراكتېرىدىن مەھرۇم قىلغان. دېھقانلار ئۇرۇشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلگەن.