Chinese→Uyghur主要词典
匈牙利苏维埃共和国
دۇنيا تارىخى
ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى
ۋېنگرىيە تارىخىدىكى تۇنجى پرولېتارىيات دىكتاتۇرىلىقىدىكى دۆلەت. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، پرولېتارىيات ئىنقىلاب قوزغاپ بۇرژۇئا ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، 1919 - يىل 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بۇداپېشتتا قۇرۇلغان. ھۆكۈمەتكە كوممۇنىستلار ۋە سوتسىيال دېموكراتلار قاتناشقان. ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، كارخانا، بانكا ۋە يەرنى دۆلەت ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈۋالغان ھەمدە ئەمگەكچى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يۈزىسىدىن بىر قاتار چارە - تەدبىرلەرنى قوللانغان، لېكىن بەزى خاتالىقلارنىمۇ سادىر قىلغان، ئالايلۇق، كومپارتىيە بىلەن سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى پرىنسىپسىز بىرلەشتۈرگەن، پومېشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلغان بولسىمۇ، ئۇنى دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرمىگەن، ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى قەتئىي باستۇرمىغان. شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چەت ئەلنىڭ قوراللىق ئارىلىشىشى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق كۈچلەرنىڭ باستۇرۇشى بىلەن ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن.