Chinese→Uyghur主要词典
新雅各宾派
دۇنيا تارىخى
يېڭى ياكوبىنچىلار
ⅩⅨ ئەسىردە فرانسىيىدىكى ئۇششاق بۇردۇئا دېموكراتىيىچىلىرى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلىرىنىڭ مەزھەپ تەشكىلاتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى 1793 - 1794-يىللاردىكى ياكوبىنچىلارنىڭ ۋارىسى دەۋالغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى، تۈرلۈك دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە دەھرىي مائارىپىنىڭ قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. بىراق پورلېتارىياتنىڭ سىنىپىي كۈرىشى، سوتىسيالىستىك ئىدىيىسى ۋە بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قارىتا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەكىلىدىن دېلېسكلۇزې، پېئا ۋە گامبان قاتارلىقلار بار. پارىژ كوممۇنىسى دەۋرىدە بلانكىزمچىلار بىلەن بىللە كۆپ سانلىقلار بولۇپ ئۇيۇشقان ھەمدە مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇنىڭ تەسىرى كېيىنكى كۈنلەردە بارا - بارا يوقىلىپ كەتكەن