Chinese→Uyghur主要词典
信使
ئۇنىۋېرسال
信使RNA
xìn shǐ
ئالاقىچى ANR، سىگنال توشۇغۇچى ANR
Dتېببىي
信使RNA
xìn shǐ
پوچتىكەش RNADيېزا ئىگىلىك
信使RNA
xìn shǐ
سگنال توشۇغۇچى RNADتېببىي
xìn shǐ
پوچتىكەش RNA، (mRNA) خەۋەرچى رىبونۇكلېئىك كىسلاتاDپوچتا - تېلېگراف
xìn shǐ
دپلوماتىك ئالاقىچى
بىئولوگىيە
خەۋەرچى RNA
ياكى ئۆز ئاراتولۇقلىغۇچى RNA(eomplement RNA) ياكى كۆچۈرگۈچى RNA RNA (transcript RNA). DNA دىن كۆچۈرۈلۈپ چىققان، سىگنال يەتكۈزگۈچى RNA مولېكۇلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ نۇكلېئوتىد تەرتىپى DNA نىڭ بىر تال بۇرمىلىق زەنجىرى بىلەن ئۆز ئارا تولۇقلىنىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ مۇئەييەن تەرتىپى بىلەن ئاقسىلنىڭ بىئولوگىيىلىك سىنتېزلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرىلەردە دەسلەپتە كۆچۈرۈلۈپ چىقىدىغىنى mRNA نىڭ ئالدىنقى تەنچىسى بولۇپ، ئاقسىل سىنتېزلىنىشى كېرەك بولغاندا، ئالدىنقى تەنچىسى پىششىقلىنىپ ئىشلىنپ يېتىلگەن mRNA غا ئايلىنىدۇ. ھەقىقىي يادرولۇقلاردىكى mRNA مولېكۇلىسى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: ئوتتۇرا قىسمى ئاقسىل بەلگە رايونى بولۇپ، زەنجىرىنىڭ ئىككى ئۇچى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 5 - ئۇچىنىڭ تەرجىمە قىلىنمايدىغان رايونىدىكى باشلىنىش كودونى بار ئورۇندىن باشلىنىپ، 3 - ئۇچىنىڭ تەرجىمە قىلىنمايدىغان رايونىدىكى توختاش كودونىدا توختايدۇ. 5 - كەپكىلىك تۈزۈلۈشنىڭ ئۈچ خىل تىپلىق بولىدىغانلىقى مەلۇم O تىپلىقى (m7Gppp ×P) كۆپىنچە ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋىرۇسلىرى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلاردا كۆرۈلىدۇ. Ⅰ تىپلىقى (m7Gppp × pmYp) بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەقىقىي يادرولۇقلار RNA سىدە بايقالغان. خوندىرىسوما RNA سىدە بايقالغان. خوندىرىسوما mRNA سى Ⅱ تىپلىق كەپكە (m7Gppp × pmYpmZp) گە مەنسۇپ بولىدۇ. كەپكىلىك تۈزۈلۈشى ئىشقار ۋە رىبو يادرو كىسلاتا ئېنزىمى T2 نىڭ قىسقارتىشىغا قارشى تۇرىدۇ. ھەقىقىي يادرولۇقلاردىكى يادmRNA ئادەتتە تاق سىسترون، ئىپتىدائىي يادرولۇقلاردىكى mRNA كۆپىنچە كۆپ سىسترونلۇق بولىدۇ