Chinese→Uyghur主要词典
新南威尔士保安队
دۇنيا تارىخى
يېڭى جەنۇبىي ئۇئېلس ئامانلىقىنى ساقلاش ئەترىتى
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىنىڭ يېڭى جەنۇبىي ئۇئېلىستىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرغان پىيادە ئەسكەرلەر شۆبە ئەترىتى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 1788 - يىلى يېڭى جەنۇبىي ئۇئېلىسنى سۈرگۈن قىلىنغۇچىلارنى قاماپ قويىدىغان مۇستەملىكە رايونى قىلىشنى بەلگىلىگەندىن كېيىن، ئىككىنچى يىلى 300 ئادەم قوبۇل قىلىپ بۇ ئەترەتنى تەشكىللىگەن. بۇ ئەترەتتىكىلەر ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1790 - ۋە 1792 - يىللاردا تۇرۇشلۇق جايغا يېتىپ بارغان. 1792 - يىلى 12 - ئايدا، ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ قوماندانى، مايور گروسې (1754 - 8141) مۇۋەققەت باش ۋالىي بولۇپ، مەمۇرىي ئەمەلدار ئورنىغا ھەربىيلەر دەسسەپ، ئارمىيىنىڭ ئوزۇقلۇق ئاشلىقىنى كۆپەيتىپ بەرگەن، مۇنبەت يەرلەرنى ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ ئوفىتسىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى دوست - ئاغىنىلىرگە بۆلۈپ بەرگەن. ئامانلىق ساقلاش ئەترىتى سوت مەھكىمىلىرىنى تىزگىنلىۋالغان، مۇستەملىكە رايونىدىكى شېكەر، چاي، ھاراق ۋە تاماكا سودىسىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ نارازىلىقى قوزغالغان. 1808 - يىلى باش ۋالىي بلىگ (7541 - 1871) ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ كۈچىنى چەكلىمەكچى بولغاندا ئىسيان كۆتۈرۈلگەن. 1809 - يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بلىگنى باش ۋالىيلىقتىن ئېلىپ تاشلاش ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ماكچۇئارىنى يېڭى جەنۇبىي ئۇئېلىس مۇستەملىكە رايونىنىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلىگەن. 1810 - يىلى ئامانلىق ساقلاش ئەترىتى ئەنگلىيىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن.