Chinese→Uyghur主要词典
新罗
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى,تارىخ
xīn luó
سىللا
دۇنيا تارىخى
سىللا
چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قەدىمكى دۆلەت. چىن خەننىڭ 12 قەبىلىسىدىكى سىلو قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پېشۋاسى پياۋخىجويىشى مىلاددىدىن ئىلگىرىكى 57 - يىلى سىلو ئالتە كەنتى تەرىپىدىن جۈيىشىگەنلىككە كۆرسىتىلىپ، دۆلەت قۇرغان، چىڭجۇنى پايتەخت قىلغان. ئاندىن بارا - بارا چىن - خەن قەبىلىلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، زېمىنىنى كېڭەيتكەن. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىپ، كوگۇريو، پېكچى بىلەن تىركىشىپ تۇرغان، ئۆزئارا ئۈستۈنلۈك تالاشقان. بۇ تارىختا ئۈچ بەگلىك دەۋرى دەپ ئاتالغان. ئاقسۆڭەكلەر ئىچىدە ۋارىسلىق قىلىدىغان سالاھىيەت دەرىجە تۈزۈمى يەنى قانداشلىق بويىچە مەرتىۋەبېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. ئاقسۆڭەكلەركېڭىشى (ئۇرۇقداشلىق ئاساسىدىكى جەمەت باشلىقلىرى كېڭىشى)دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى بەلگىلىگەن ۋە پادىشاھنى كۆرسەتكەن. Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا كوگۇريو ۋاڭى گۇاڭگەيتۇ بىلەن بىرلىشىپ، ياپونىيە ياماتو دۆلىتىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنى قوغلاپ چىقارغان. 532 يىلى جالونى قۇشۇۋالغان. پادىشاھ جىڭشىڭ دەۋرىدە، زېمىنىنى كېڭەيتىپ، پىكچى بىلەن بىرلىشىپ، شىمالدا كوگۇريوغا قارشى تۇرغان.551 - يىلى جۇلېنىڭ شىمالىدىكى ئون ۋىلايەتنى ئالغان. ئىككىنچى يىلى پىكچىنىڭ كوگۇريودىن تارتىۋالغان خەنجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى ئالتە ۋىلايەتنى ئالغان. 554 - يىلى پېكىچىنىڭ ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ، پادىشاھ شىڭمىڭنى ئۆلتۈرگەن. ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقى بۇزۇلغان. 556 - يىلى يەنە شەرقىي دېڭىز ياقىسىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ ئىلگىرلەپ، ئۆز زېمىنىنى مويۇنلېڭغىچە كېڭەيتكەن. 562 - يىلى چوڭ جايېنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. ئىچكى جەھەتتە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. يىگىتلەر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، ئىختىساسلىق خادىملارنى تاللاش يولىنى تۇتقان. تەيزۇڭ ۋۇلې ۋاڭ، ۋىنۋۇۋاڭ زامانلىرىدا، جۇڭگو تاڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ،كوگۇريو ۋە ياپونىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن پېكچى ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاق بىلەن قارشىلاشقان. 660 - يىلى پېكچىنى يوقاتقان، 686 - يىلى كوگۇريونى يوقاتقان. 676 - 670 -يىللىرى پېكچىنىڭ كونا يېرىنى ۋە كوگۇريونىڭ داتۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى كونا يەرلىرىنىمۇ ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. Ⅷ ئەسىردىن كېيىن، پادىشاھ جەمەتىدىكىلەر ھاكىمىيەتنى تالىشىپ كۆپ قېتىم ماجىرا بولۇپ، مۇقىم سىياسىي ۋەزىيەت بۇزۇلغان. فېئوداللىق ئېكىسپىلاتاتسىيە كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلاشقان. خەلق نامراتلىشىپ، ھەرقايسى ئايماق - ۋىلايەتلەر تارتۇق - سېلىق تاپشۇرۇشقا ئۇنىمىغان. ئايال شاھ جېن شىڭ (887 - 897 - يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) تارتۇق - سېلىق ئېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، مەملىكەت بويىچە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىققان، 889 - يىلى لياڭ جى بېيۇەنشياۋجىڭنى (ھازىرقى جياڭيۇەنداۋيۇەن ئوبلاسىتى) ئىگىلەپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، قوزغىلاڭنىڭ ھەيۋىسى ناھايىتى زور بولغان؛ 896 - يىلى غەربىي جەنۇب رايونىدا قىزىل ئىشتانلىقلار قوزغلىڭى پارتلاپ، جىڭجۇ ئەتراپىغا يىتىپ كەلگەچكە ئايال پادىشاھ جىڭ شىڭ تەختنى بوشىتشقا مەجبور بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللەجايلاردىكى زومىگەرلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەپرىقچىلىق قىلىپ، Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گوڭيىدىكى موجىن (918 - يىلى ئۇنىڭ ئورنىغا ۋاڭ جيەن چىقىپ، نامىنى كورىيىگە ئۆزگەرتكەن) جېنشۇەندىكى كېيىنكى پېكچى ۋە سىللانىڭ تىركىشىپ تۇرغان تەپرىقىچىلىق ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، تارىختا كېيىنكى ئۈچ پادىشاھلىق دەپ ئاتالغان. 935 - يىلى، جىڭ شۈن ۋاڭ جيەنگە تەسلىم بولۇپ، سىللا مۇنقەرز بولغان. سىللا تاڭ سۇلالىسى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئىقتىسادىي مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى قويۇق بولغان.