Chinese→Uyghur主要词典
心理的个体发展
پسىخولوگىيە
پسىخكىنىڭ ئىندىۋىدۇئال تەرەققىياتى
بۇ ئىنسانلار ئىندىۋىدىنىڭ تۇغۇلۇپ يېتىلىشتىن تاكى قېرىغىچە بولغان بىر پۈتۈن جەريانى ئىچىدىكى پسىخىكىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش تارىخىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدىكى تۇغۇلۇشتىن ياكى پىشىپ يېتلىش باسقۇچى (ياشلىق مەزگىلى) نى تەتقىق قىلىش بالىلار پسىخولوگىيىسىنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئىندىۋىدۇئال پسىخىك تەرەققىياتىنىڭ يادروسى، ئىندىۋىد (شەخسى) نىڭ پسخىكىسى ئادەم تۇغۇلغاندىن كېيىن ئىككى ھەپتىدەك ۋاقىت ئىچىدە پەيدا بولىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئادەم پسخىكىسى ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققى قىلىدۇ، تۈرلۈك ياش باسقۇچىدا تۈرلۈكچە پسىخىك ئالاھىدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىندىۋىدۇئال پسخىك تەرەققىياتنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مەزمۇنىغا مۇنۇلار كىرىدۇ : ئادەم پسىخكىسىنىڭ قانداق پەيدا بولۇشى، تۈرلۈك باسقۇچىلاردا قانداق تەرەققىي قىلىپ، قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنىڭ قانداقلىقى قاتارلىقلار.