Chinese→Uyghur主要词典
犀鸟
بىئولوگىيە
كەركىدان قۇش
خورنبىل دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قۇشلار سىنىپىنىڭ كۆك قاغىسىمانلار ئەترىتى، كەركىدان قۇشلار ئائىلىسىدىكى ھەر خىل قۇشلارنىڭ ئومۇمى نامى. تەخمىنەن 45 تۈر. تېنى چوڭ، تۇمشۇقى پىل چىشى رەڭگىدە، شەكلى كەركىدان مۈڭگۈزىگە ئوخشاش بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. تۇمشۇقىنىڭ تۈۋىدە چوڭ بىر قالپاق ئۆسۈكچىسى بولىدۇ. ئافرىقا ۋە ئاسىيانى جەنۇبىدىكى تروپىك بەلباغ ئورمانلىقلىرىدا ۋە ئېگىز دەرەخلەردە ياشايدۇ. دەرەخ كامارلىرىغا 1 - 6 گىچە تۇخۇم سالىدۇ، چىشى قۇش كاماردا قېلىپ، ئەركەك قۇش شۆلگەي ۋە توپىلار بىلەن تۆشۈك ئېغىزىنى سىيپاپ پەقەت بىر يەم ئېلىۋېلىش تۆشۈكنىلا قالدۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن چىشى قۇش ئەركەك قۇش قۇسۇپ بەرگەن مېۋە - چېۋە ۋە باشقا نەرسىلەرگە تايىنىپلا ھايات كەچۈرىدۇ. باچكىسىنى بېقىش مەزگىلى تەخمىنەن ئۈچ ھەپتە. بالا قۇش ئۇچۇرۇم بولغان چاغدىلا ئاندىن سىرتقا چىقىدۇ. ئەڭ چوڭ تۈرى چوڭ كەركىدان قۇش بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ئارتۇق، رەڭگى ئاق - قارا. ئاسىيانىڭ تروپىك بەلباغ رايونلىرىدىن چىقىدۇ. يۈننەننىڭ جەنۇبىدا چىپار كەركىدان قۇش بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 75 سانتىمېتىر. دۈمبە تەرەپتىكى پەيلىرى قاپقارا ھەم يېشىل، قانات گىرۋەكلىرى ۋە ئۇچۇش پەيلىرىنىڭ ئالدى ئۇچى ئاق بولىدۇ. ئادەتتە توپلىشىپ ئۇچىدۇ. مېۋە، ھاشارات ھەم باشقا ئۇششاق ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ بىر خىل ئەتىۋارلىق قۇشى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
xī niǎo
كەركىدان قۇش