Chinese→Uyghur主要词典
兴宣大院君
دۇنيا تارىخى
شىڭشۈەن تائىبون
(1820 - 1898)چاۋشيەن پادىشاھى كوجوڭ لى شىنىڭ دادىسى.ئىسمى لى شىيىڭ. 1843 - يىلى شىڭشۈەنلىككە تەيىنلەنگەن. 1863 - يىلى كوجوڭ تەختكە چىقىپ، تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تائىبۇنلۇققا تەيىنلەنگەن ھەمدە نايىبلىق قىلىشقا باشلىغان تائىبون نايىبلىق قىلغان مەزگىلدە مەملىكەت ئىچىدە، بانو مىنفېي گۇرۇھى بىلەن قارىمۇ قارشى بولۇپ، سىرت بىلەن ئالاقە قىلماسلىق سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1874 - يىلى كوجوڭ بىۋاستە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ، خانىش مىن گۇرۇھىدىكىلەر ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان. 1882 - يىلى رېنۋو ھەربىي ئۆزگىرىشى مەزگىلىدە بىر مەھەل ھاكىمىيەتنى قايتا ئىگىلىگەن، ئارقىدىنلا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى كىچىك مىننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇنى قولغا ئېلىپ تيەنجىن باۋدىڭ مەھكىمىسىگە يالاپ كېلىپ تۆت يىل نەزەربەنت قىلغان. 1895 - يىلى 10 -ئايدا ئۇ روسىيە كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى غەنىيمەت بىلىپ، ياپونىيە قوشۇنىنىڭ پادىشاھ ئوردىسىنى ئوققا تۇتقانلىقىدىن پايدىلىنپ، روسىيەپەرەس بانو مىنفېينى ئۆلتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى رۇسپەرەستلەر باش كۆتۈرگەندە مەغلۇپ بولغان.