Chinese→Uyghur主要词典
形象记忆
پسىخولوگىيە
ئوبرازلىق خاتىرە
كىشى مېڭىسىدىكى ئوبراز مەزمۇنلۇق خاتىرىدىن، يەنى كىشى ئىدراك قىلغان شەيئىنىڭ مېڭىدىكى ئوبرازى مەزمۇن قىلىنغان خاتىرىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: مەلۇم بىر شەخس يادىمىزغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتقاندەك، ئۇنىڭ چىرايى كۆز ئالدىمىزدا گەۋدىلەنگەندەك بولىدۇ، مانا بۇ ئاڭلاش سەزگۈسى ۋە كۆرۈش سەزگۈسى جەھەتتىكى ئوبرازلىق خاتىرە. تۇرپاننىڭ تومۇز ئىسسىقى يادىمىزغا كەلگەندە، دەچشەتلىك ئىسسىق ھاۋا گەۋدىلىنىدۇ، مانا بۇ تېرە سەزگۈسى جەھەتتىكى ئوبرازلىق خاتىرە. ھەر كىمنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتى بىلەن خىزمەت خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئوبرازلىق خاتىرە تىپىدىمۇ ئىندىۋىدۇئال پەرق بولىدۇ. كومپوزىتورلار بىلەن ناخشىچىلارنىڭ ئورازلىق خاتىرىسى ئاساسەن ئاڭلاش سەزگۈسى جەھەتتىكى ئوبرازلىق خاتىرە بولىدۇ، ئاشپەزلەرنىڭ ئاساسەن تەم، ھىد جەھەتتىكى ئوبرازلىق خاتىرە بولىدۇ، تەنھەرىكەتچىلەنىڭ ئاساسەن ھەرىكەت سەزگۈسى جەھەتتىكى ئوبرازلىق خاتىرە بولىدۇ.
تەنتەربىيە
xíng xiàng jì yì
ئوبراز خاتىرىسىDمائارىپ
xíng xiàng jì yì
ئوبرازلىق خاتىرەDئەدلىيە
xíng xiàng jì yì
ئوبرازنى ئېسىدە ساقلاشDئىستېتىكا
xíng xiàng jì yì
ئوبرازلىق خاتىرە