Chinese→Uyghur主要词典
新贵族
دۇنيا تارىخى
يېڭى ئاقسۆڭەك
ⅩⅤ ئەسىردىن ⅩⅦ ئەسىرگىچە ئەنگلىيىدىكى بۇرژۇئازلاشقان ئاقسۆڭەكلەر، يېزا مۆتىۋەرلىرى دەپمۇ ئاتالغان. ئۇنى فېئودال ئاقسۆڭەكلەردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ئاقسۆڭەك دەپ ئاتاشقان. ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅱ تەختتە ئولتۇرغان چاغدا (1154 - 1189 - يىللاردا) رىتسارلارنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ئورنىغا قالقان پۇلى ئېلىشنى بەلگىلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي خىزمەتتىن ئازاد قىلىنغان ئوتتۇرا ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەر مەخسۇس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تاۋار ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساىي ئالاقىسى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيگەن ھەم ئۇلار بىلەن بىللە پادىشاھلىق ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكىگە ئايلانغان. ⅩⅤ ئەسىردىن ئېتىبارەن، ئۇلار كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بويىچە دېھقانچىلىق، ئۇلار كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بويىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن، يەرنى قوتانلاش، ياللانما ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىش، سودا - سانائەتكە مەبلەغ سېلىش ۋە چەت ئەلدە مۇستەملىكە قۇرۇشقا ئوخشاش پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. شۇنىڭ بىلەن بارا - بارا بۇرژۇئازلاشقان. بەزى ھاللىق دېھقانلار ۋە چوڭ سودىگەرلەرمۇ يەر ۋە مەرتىۋە سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ قاتارىغا كىرگەن. كېيىن يېڭى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بۇرژۇئازىيە پەيدىنپەي بىرلىشىپ كەتكەن. ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ئۇنىڭ يۇقىرى تەبىقىدىكىلىرى چوڭ بۇرژۇئازىيە بىلەن بىللە ھوقۇق تۇتقان.