Chinese→Uyghur主要词典
刑书
دۇنيا تارىخى
جازانامە
ۋيېتنامنىڭ تۇنجى سىستېمىلىق يازما قانۇنى. لى تەيزۇڭ زامانىدا، ئالدىنقىلارنىڭ جازا بېرىشىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ھۆديچىگە قانۇن - پەرمانلارنى تەھرىرلەپ ۋە بېكىتىپ، يېڭى ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئېلىپ، جازانامە تۈزۈپ چىقى بۇيرۇلۇپ، 1042-يىلى ئېلان قىلىنغان. كىتابنىڭ ئەسلى تېكىستى يوقاپ كەتكەن. جازانامىدە قاراقچى، ئوغرى، ئەسكەرلىكتىن قاچقانلار توغرىسىدا جازا بەلگىلەنگەن، پۇل تۆلەپ جىنايىتىنى يۇيۇشقا يول قويۇلغان؛ قۇللارنى ئېلىپ - سېتىش ۋە قۇلنىڭ سانىغا چەك قويۇلغان. فېئودال - پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ مەنپەئىتى قوغدىلىپ، شۇ چاغدىكى جازا بېرىشتىكى قالايمىقانچىىلقلارنى تۈگىتىش ۋە قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقىنى يوق قىلىشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان.
قانۇن
xíng shū
جازانامە