Chinese→Uyghur主要词典
星室法庭
دۇنيا تارىخى
يۇلتۇزلۇق زال سوتى
ⅤⅩ - ⅦⅩ ئەسىردىكى ئەنگلىيىنىڭ ئالىي ئەدلىيە ئورگىنى. 1487 - يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅶ تەسىس قىلغان بولۇپ، پادىشاھلىققا قارشى چىققان چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنى جازالىغان. سوت ۋېتىمىنىستېر ئوردىسىدىكى تورۇسى يۇلتۇزلار بىلەن نەقىشلەنگەن زالدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ سودىيىلىرى زاراغالىق مەھكىمىسىنىڭ ئەزالىرى، ئېپىسكوپ ۋە ئالىي دەرىجىلىك سودىيىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىۋاستە پادىشاھ تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان، كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە فېئوداللىق ئىستىبداتلىق تۈزۈمىگە ۋە ئەنگلىيىنىڭ دۆلەت دىنىغا قارشى چىققان ئىلغار كۈچلەرنى بېسىقتۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن. جازالاش شەكىللىرى ئىچىدە ئوتتا كۆيدۈرۈش، قامچىلاش، ئەن سېلىش ۋە قۇلاقنى كېسىۋېتىش قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئىنتايىن قەبىھ بولغان. ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، 1641 - يىل 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى پارلامېنت تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان.