Chinese→Uyghur主要词典
兴趣的品质
پسىخولوگىيە
قىزىقىشنىڭ سۈپەتلىرى
قىزىقىشنىڭ سۈپىتى ئايرىم پەرقلەردە ئىپادىلىنىدۇ. قىزىقىشنىڭ سۈپەتلىرىدىن ئاساسلىقى مۇنۇلار: (1) كەڭ بولۇش، قىزىقىشنىڭ كەڭلىكى دېگەندە، ئۇنىڭ دائىرىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، لېكىن قىزىقىشنىڭ كۆپ تەرەپلىكلىكى مەخسۇس مەركىزىي قىزىقىش بىلەن بىرلەشكەن بولۇشى كېرەك. مەخسۇس قىزىقىشلا بولۇپ موللۇق بولمىسا، كىشىنىڭ قاراش دائىرىسى تار بولۇپ قالىدۇ، تۇرمۇشنىڭ مەنىسى بولمايدۇ. قىزىقىش مول بولۇپ مەخسۇسلۇق بولمىسا، ئۇنداق كىشى ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق، قابىلىيەتسىز ئادەم بولۇپ قالىدۇ. (2) ئۇزاق داۋاملىشىش، يەنى قىزىقىش بەرقارار بولۇش. قىزىقىشنىڭ مۇقىم - بەرقارارلىقى دېگەندە، ئۇنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قىزىقىشنىڭ بەرقارارلىقى ئۆگىنىش ۋە باشقا بىرەر ئىشتا نەتىجە قازىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. (3) ئۈنۈملۈك بولۇش، بۇنىڭدە، قىزىقىش پائالىيەتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. كىشىنى پائالىيەتكە ئاكىتىپ قاتناشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرگەن قىزىقىش ئۈنۈملۈك قىزىقىش دېيىلىدۇ. ئارزۇ، ئۈمىدتە توختاپ قالغان، پائالىيەتتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ بولالمىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمى بولمىغان قىزىقىش ئۈنۈمسىز قىزىقىش دېيىلىدۇ.