Chinese→Uyghur主要词典
性格的情绪特征
پسىخولوگىيە
خاراكتېرنىڭ كەيپىيات ئالاھىدىلىكى
بۇ مۇرەككەپ خاركتېرلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ بىر تەرىپىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ كەيپىياتىنى تىزگىنلەشنى ياكى كەيپىياتىنى تىزگىنلەشنى ياكى كەيپىياتنىڭ كىشى پائالىيىتىگە قىلغان تەسىرىنىڭ شەخسىي خاراكتېردىكى ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكىلەرگە بۆلۈش مۇمكىن: كەيپىيات پائالىيىتىنىڭ كۇچى، تۇراقلىقلىقى، مۇستەھكەملىكى ۋە كۆڭۈل. كەيپىيات كۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكى كىشىنىڭ كەيپىيات تەسىرىگە ۋە تىزگىنلىشىگە ئۇچراش دەرىجىسى ھەم كەيپىياتنىڭ ئىرادە تىزگىنلىشىگە ئۇچراش دەرىجىسىدە ئىپادىلىنىدۇ؛ كەيپىياتنىڭ تۇراقىلىقلىقى (مۇقىملىقى) جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك كىشى كەيپىياتىنىڭ ئۆرلەش - پەسىيىش ۋە تەۋرىنىش دەرىجىسىدە ئىپادىلىنىدۇ؛ كەيپىياتنىڭ مۇستەھكەملىك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ بىر كىشىنىڭ جىسمانىي ۋە تۇرمۇش پائالىيىتىدە ساقلىنىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ؛ كۆڭۈل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك تۈرلۈك روھىي ھالەتتە بىر كىشىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۇقىملىق ئىپادىسىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىدۇ.