Chinese→Uyghur主要词典
兴备与抑制
بىئولوگىيە
قوزغىلىش ۋە تومۇزلىنىش
ئورگانىزم ياكى توقۇلما غىدىقلانغاندىن كېيىنكى ئەكس تەسىر يۈز بېرىشنىڭ ئىككى خىل ئىپادىلىنىش شەكلى. غىدىقلانغاندىن كېيىن توقۇلمىلار ئالاھىدە بولغان ئاكتىپ پائالىيەتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ ياكى پائالىيىتى كۈچىيىدۇ، بۇ قوزغىلىش دەپ ئاتىلىدۇ؛ ياكى بۇنىڭ ئەكسىچە توقۇلما غىدىقلانغاندىن كېيىن پائالىيىتى ئاستىلاش ياكى توختاش ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ تورمۇزلىنىش دېيىلىدۇ. ئاداشقان نېرۋىلار غىدىقلانغاندىن كېيىن نېرۋا ئىمپولسىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ قوزغىلىش ھېسابلىنىدۇ؛ ئاداشقان نېرۋىلار قوزغىلىپ يۈرەك سوقۇشىنى ئاجىزلىتىدۇ ھەتتا توختىتىپ قويىدۇ، بۇ تورمۇزلىنىشنىڭ ئىپادىسى. قوزغىلىش بىلەن تومۇزلىنىش بىر جۈپ زىددىيەت بولۇپ، بەدەندىكى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئالىي نېرۋا پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق نېرۋا جەريانى ھېسابلىنىدۇ. نېرۋا سىستېمىسىنىڭ مۇرەككەپ پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى قوزغىلىش بىلەن تومۇزلىنىشنىڭ ئۆزئارا تەسىرىنىڭ نەتىجىسى.