Chinese→Uyghur主要词典
心电图
بىئولوگىيە
ئېلېكترو كاردىئوگرامما
قىسقارتىلىپ يېزىلىشى ECG. بەدەننىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ مەلۇم بىر ئورنىدىن ئىندۇكسىيىلىك ئېلېكترود ئارقىلىق خاتىرىلەپ ئېلىنغان يۈرەك ھەرىكىتى دەۋرىدىكى پوتېنسىئال ئۆزگىرىش ئەگزى سىزىقى ئېلېكترو كاردىئوگرامما دېيىلىدۇ. ئېلېكترو كاردىئوگرامما يۈرەك قىسقىراش كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋەكىللىك قىلماستىن بەلكى يۈرەك غىدىقلىنىشنىڭ ھاسىل بولۇشى، يەتكۈزۈلۈشى ۋە ئەسلىگە كېلىش جەريانىدىكى بىئوئېلېكترىك ئۆزگىرىشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلىدۇ. بەدەن يۈزىنىڭ ئوخشىمىغان ئورۇنلىرىدىن ئىندۇكسىيىلەپ چىقىلغان يۈرەك ئېلېكتر ئېقىمى ئۆزگىرىشىنىڭ دولقۇن شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ، لېكىن ئادەتتە PQRST دىن ئىبارەت بەش دولقۇنى بولىدۇ. غىدىقلىنىش سىنۇس - دالانچە تۈگۈنىدىن باشلىنىپ يۈرەك دالانچىسىغا يەتكۈزۈلىدۇ. دالانچە - قېرىنچە تۇتامى (باغلىمى) ئارقىلىق يۈرەك قېرىنچىسىغا بارىدۇ. ھەرقايسى دولقۇنلار قوزغىلىشىنىڭ يەتكۈزۈلۈش يولى بويىچە تەرتىپ پەيدا بولىدۇ. P دولقۇن يۈرەك دالانچىسىنىڭ غىدىقلىنىشىغا ۋەكىللىك قىلىپ يۈرەك دالانچىسى قىسقىراشتىن ئىلگىرى مەيدانغا كېلىدۇ. Q دولقۇن يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ غىدىقلىنىشىنىڭ باشلىنىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، P _ Q ئارىلىق دەۋرى غىدىقلىنىشىنىڭ يۈرەك دالانچىسىدىن دالانچە - قېرىنچە تۇتامى ئارقىلىق يۈرەك قېرىنچىسىغا يەتكۈزۈلۈشىگە كېتىدىغان ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر دالانچە - قېرىنچە تۇتامىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىشى توسۇلۇپ قالسا P _ Q ئارىلىق دەۋرى ئۇزىرايدۇ. QRS دولقۇن گۇرۇپپىسى ئوڭ - سول يۈرەك قېرىنچىرلىرىنىڭ غىدىقلىنىشىنىڭ تارقىلىش جەريانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. S _ T بۆلىكى يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قوزغىلىش (غىدىقلىنىش) ھالىتىدە تۇرغانلىقى، ھەرقايسى قىسىملار ئارىسىدا پوتېنسىئال پەرقى يوق بولۇپ، تەڭ ئېلېكتر پوتېنسىئاللىقىغا يېقىنلاشقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. T دولقۇن يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانىنى ئىنكاس قىلىدۇ، T دولقۇننىڭ ئامپلىتۇدىسى بىلەن يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرسە يۈرەكتە كېسەللىك ئۆزگىرىش پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كلىنىكىدا ئېلېكتروكاردىئوگرامما ھەرقايسى دولقۇن شەكىللىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن يۈرەك كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويۇشتا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئېلېكترون، ئۇچۇر
xīn diàn tú
يۈرەك ئاۋازى دىئاگراممىسىDتەنتەربىيە
xīn diàn tú
ئېلېكترو كاردىئوگرامماDتېببىي
xīn diàn tú
ئېلېكترو كارىئوگرامماDتېببىي
xīn diàn tú
ئېلېكتروكاردىئوگراممىنىڭ P - R ئارىلىق ۋاقتىDئۇنىۋېرسال
xīn diàn tú
ئېلېكتروكاردىئوگرامما