Chinese→Uyghur主要词典
新陈代谢
بىئولوگىيە
مېتابولىزم
جانلىقلار تېنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، كۆپىيىش، ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلار ھاياتلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدىكى خىمىيىلىك ئۆزگىرىشننڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى، شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئۆز - ئارا قارىمۇ قارشى ھەمدە بىر - بىرىنى شەرت قىلىدىغان، بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىككى جەرياندىن تۈزۈلىدۇ. جانلىقلار تېنىنىڭ سىرتقى مۇھىتتىن قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇقنى ئۆز تەركىبىنى تۈزگۈچى مادددىغا ئايلاندۇرۇپ ئېنېرگىيىنى زاپاس ساقلايدىغان جەريان ئاسسىمىلىياتسىيە (بىرىكتۈرۈش مېتابولىزمى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆز تېىنىنى تۈزگۈچى ماددىلارنى پارچىلاپ ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، ھەر خىل ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان، ھەمدە ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتنى تەن سىرتىغا چىقىرىدىغان جەريان دىسسىمىلىياتسىيە (پارچىلاش مېتابولىزمى) دەپ ئاتىلىدۇ. جانلىقلار تېنى مېتابولىزم ئارقىلىق مۇھىت بىلەن ئۈزلۈكسىز تۈردە، ماددا ۋە ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يۆنىلىشى ۋە سۈرئىتى ھەر خىل ئامىللارنىڭ تەڭشىشىگە ئۇچرايدۇ، ئۇ جانلىقلار تېنى ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ بارىدۇ. مېتابولىزم ئېنزىم كاتالىزاتورلۇق قىلىدىغان مۇرەككەپ بولغان ئارىلىق جەريان. مەسىلەن، گلۇكوزىنىڭ جانلىقلار تېنى ئىچىدە ئوكسىدلىنىپ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى ۋە سۇغا ئايلىنىشى نۇرغۇنلىغان خىمىيىلىك ئۆزگىرىش جەريانلىرىنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ، بۇ جەريانلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئارىلىق مېتابولىزمى دەپ ئاتىلىدۇ. مېتابولىزمن قالايمىقانلاشسا ھەر خىل كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ، توختىسا ھايات توختايدۇ.
خىمىيە
xīn chén dài xiè
ماددا ئالمىشىش ، مېتابولىزمDئورمانچىلىق
xīn chén dài xiè
ماددا ئالمىشىش، كونىنىڭ ئورنىنى يېڭى ئېلىش، مېتابولىزىمDتەنتەربىيە
xīn chén dài xiè
ماددا ئالمىشىش، ماددا ئالماشتۇرۇش، مېتابولىزمDتېببىي
xīn chén dài xiè
مېتابولىزم، ماددا ئالمىشىشDئېلېكترون، ئۇچۇر
xīn chén dài xiè
مېتابولىزمDئۇنىۋېرسال
xīn chén dài xiè
مېتابولىزم، ماددا ئالماشتۇرۇش
يېڭىنىڭ كونا بىلەن ئالمىشىشى، كونىنىڭ ئورنىنى يېڭى ئالماق
Dتۇراقلىق ئىبارىلەر
xīn chén dài xiè
ماددا ئالماشماق؛ كونىنىڭ ئورنىنى يېڭى ئالماق.
Dتۇراقلىق ئىبارىلەر
xīn chén dài xiè
ماددا ئالماشماق؛ كونىنىڭ ئورنىنى يېڭى ئالماق.
Dتۇراقلىق ئىبارىلەر
xīn chén dài xiè
ماددا ئالماشماق؛ كونىنىڭ ئورنىنى يېڭى ئالماق.