Chinese→Uyghur主要词典
心侧体
ئۇنىۋېرسال
xīn cè tǐ
يۈرەك قىسمى )ھاشاراتنىڭ(
بىئولوگىيە
يۈرەك يان تەنىسى
ھاشاراتلارنىڭ بىر خىل ئىچكى ئاجرىتىش ئورگىنى. مېڭىسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە، دۈمبە قان تومۇرىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ياكى ئىككى يېنىغا جايلاشقان بىر جۈپ كىچىك تەنە. يۇقىرى دەرىجخلىك قوش قاناتلىقلار ئەترىتىدىكىلەر لىچىنكىسىنىڭ يۈرەك يان تەنىسى يۇتقۇنچاق يان تەنىسى بىلەن بىرلىشىپ ھالقىسىمان بەزنى تەشكىللىگەن. يۈرەك يان تەنىسىنىڭ توقۇلما تۈزۈلۈشىدە ئۈچ خىل ئاساسلىق تەركىب بولىدۇ، يەنى مېڭە نېرۋا ھۈجەيرلىرىدىن كېلىپ چىقىپ يوغىنىغان نېرۋا ئاجرىتىش ئۆسۈكچىسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرى؛ ئەسلى بار بولغان نېرۋا ئاجرالما ھۈجەيرىلىرى؛ ئوزۇقلۇق تەركىبى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مۈڭگۈز ماددا ھۈجەيرىلىرىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى مېڭىدىن ئاجرىلىپ چىققان نېرۋا گورمونلىرىنى زاپاس ساقلاش ئورگىنى سۈپىتىدىكى قويۇپ بېرىش ئورنىنىڭ رولىنى ئويناشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئۆزىدە ئەسلىدىن بار بولغان نېرۋا ئاجرىتىش ھۈجەيرىىرى مېڭە نېرۋا ئاجرىتىشى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاجرىلىش تەسىرى ئاستىدا يەنە ئۆزىنىڭ ئاجرالما ماددىلىرىنىمۇ قويۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاجرىتىپ چىقىرىۋېلىنغان ماددىلارنىڭ قاسىراقلىقلارنىڭ پىگمېنت ھۈجەيرىلىرىنى قۇرۇش، يۈرەك سوقۇشىنى تېزلىتىش ۋە قان قەنتىنىڭ ئېففېكتى بولىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك ئېففېكتىنى ئۆلچەش ئارقىلىق ھازىرغىچە مەلۇم بولغان يۈرەك يان تەنىسى تەركىبىدىكى گورمونلار: يۈرەك تېزلىكىنى ئاشۇرۇش فاكتورى، پىگمېنتلارنى قۇرۇش ياكى كۆپتۈرۈش فاكتورى. يۇقىرى قان قەنتى فاكتورى، كونترول خاراكتېرىدىكى جەلىپ قىلىش ماددىلىرىنى قويۇپ بېرىش فاكتورى ۋە تۇخۇم تۇغۇشقا تۈرتكە بولۇش گورمونى (ۋىتېللىن) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.