Chinese→Uyghur主要词典
心材
ئۇنىۋېرسال
xīn cái
ئەن ياغاچ، قىرتىشى ئېلىۋېتىلگەن ياغاچ ماتېرىيال
Dئۆسۈملۈك
xīn cái
مەركىزىي ياغاچDئورمانچىلىق
xīn cái
ئوزەك ياغاچ
بىئولوگىيە
ئۆزەك ماتېرىيال
دەرەخ غولىنىڭ ياغاچلىق قىسمىنىڭ مەركىزىي قىسمى، شۇنداقلا ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت دەسلەپكى مەزگىلدە ھاسىل قىلغان ھەمدە قېرىپ كەتكەن قىسمى. دەرەخلەر يېشىنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ ياغاچلىق قىسمىنىڭ قېلىنرىراق قىسمىنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېنغا ئېرىشىشى قىيىنلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئورۇننىڭ ئىقتىدارى چېكىنىپ ېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىلەر ئۆلىدۇ، ئۆتكۈزگۈچى قانال بوشلۇقىغائ ەتراپتىكى نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆسۈپ كىرىشى ئارقىلىق تولۇقلىغۇچى تەننى ھاسىل قىلىپ توسۇلۇپ قالىدۇ. ياكى ئۆتكۈزگۈچى قانال بوشلۇقى سمولا دېۋىرقاي تاننىن، ماي قاتارلىق ماددىلار بىلەن تولۇپ كېتىپ ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ، نەتىجىدە ئەسلىدىكى قېرىتىش ئۆزەك ماتېرىيالىغا ئايلىنىدۇ. ئۆزەك ماتېرىيالنىڭ مىقدرى يىلسېرى ئېشىپ بارىدۇ. ئۆزەك ماتېرىيالنىڭ رەڭگى سىرتقى كۆرۈەنۈشىدىن قېنىق، قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ. بەزى ئۆزەك ماتېرىيالنىڭ تەركىبىدە ئالاھىدە پىگمېنتلار بولىدۇ. مەسىلەن، ئەبنۇس تۇم قارا شاپتۇل ياغىچىنىڭ ئۆزىكى توق قىزىل، ياڭاقنىڭ قوڭۇررەڭ بولىدۇ. ئۆزەك ماتېرىيالنىڭ گەرچە توشۇش رولى بولمىسىمۇ، لېكىن دەرەخ غولىنى تىرەپ تۇرۇش رولى بولىدۇ. ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ قىممىتى ئاساسەن ئۆزەك ماتېرىيال تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.