Uyghur主要词典
خېي مىڭفېڭ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەندۇڭ لىڭچىڭلىق، خۇيزۇ. كىچىكىدە بىلىم ئېلىشقا قىزىققان. قورال تۇتۇشنىمۇ ئۆگەنگەن. كاڭشىنىڭ 46 - يىلى (1770) پادىشاھ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بۇيرۇق بويىچە جېجاڭدا قوشۇنغا قوماندان بولدى. بۇ جەرياندا جۇڭگو ۋە ياۋروپانىڭ كىتابلىرىنى كۆپ ئوقۇدى. لۇجىنىڭ <ئەل ئۇسۇل فىتتەسەۋۋۇفىل ئىسلام> ناملىق ئەسىرىگە كىرىش سۆز يازدى ۋە ئۇنى نەشر قىلدۇرۇش ئۈچۈن خاڭجۇغا باردى. شىلياڭلىق لى فىنۋۇ ۋە نىڭشالىق ماياۋخۇەن بىلەن بىللە مەبلەغ چىقىرىپ، ئۇنى نەشر قىلدۇردى ھەمدە بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىشلىق قىلىپ قىسقىچە تونۇشتۇردى.