Chinese→Uyghur主要词典
席勒
ئىستېتىكا
xí lè
شېللېر
دۇنيا تارىخى
شىللېر
(1759 - 1805) گېرمانىيىلىك شائىر، دراماتۇرگ. دوختۇر ئائىلسىدىن كېلىپ چىققان. 1767 - يىلى لاتىن تىلىدىكى مەكتەپتە ئوقۇغان. 1773 - يىلى ھەربىي شۆيۈەنگە كىرىپ قانۇن ۋە دوختۇلۇقنى ئۆگەنگەن.1780 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېىن شتۇتگارتتا ھەربىي دوختۇر بولغان. ياشلىق دەۋرىدە بوران ھەرىكىتىدىكى ئاساسىي ۋەكىل خاراكتىرلىك يازغۇچى بولغان. 1781 - يىلى <قاراقچى> دېگەن تۇنجى تىراگىدىيىلىك ئەسىرىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭدا فېئوداللىق جەمئىيەتكە قارشى ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلغان بىر جەسۇر ياشنى مەدھىيلىگەن، زالىم پادىشاھقا قارشى تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغان. 1782 - يىلى ئەسىرى سەھىنىدە ئوينالغاندىن كېيىن، ئەكسىيەتچى دائىرىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن، شۇ يىلى 9 - ئايدا ۋيۇرتېمبېرگىدىن قېچىپ چىقىپ، مانھېيىم ۋە مايىن دەرياسى بويىدىكى فرانكفورتتا سەھنە ئەسىرى يازغۇچىسى بولغان. 1781 - يىلى <سۈيقەست ۋە مۇھەببەت> دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭدا ⅦⅩ ئەسىردىكى گېرمانىيە شەھەر ئاھالىسى بىلەن فېئودال ھۆكۈمرانلار ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپىي زىددىيەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئېنگلېس بۇ ئەسەرنى <گېرمانىيە بويىچە سىياسىي خاھىشقا ئىگە تۇنجى سەھنە ئەسىرى> دېگەن. 1785 - يىلى <شاتلىق كۈيى> دېگەن مەشھۇر شېئىرىنى ئېلان قىلغان، كېيىن ئۇ بېتخوۋىن تەرىپىدىن توققۇزىنچى سىمفونىيىنىڭ ئاساسىي ناخشىسى قىلىنىپ دۇنياغا داڭق چىقارغان. 1787 - يىلى فېئودال مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرىدىغان، پىكىر ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىدىغان <دون كارلوس> دېگەن سەھنە ئەسىرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەخسۇس تارىخ تەتقىقاتىغا بېرىلگەن. 1789 - يىلى يېنا داشۆسىنىڭ تارىخشۇناسلىق دوتسېنتى بولغان ھەمدە <نېدېرلاندىيىنىڭ مۇستەقىللىك تارىخى>، <30 يىللىق ئۇرۇش تارىخى> دېگەن تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغان. 1789 - يىلىدىكى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى قىزغىن ئالقىشلىغان، 1792 - يىلى 8 - ئايدا فرانسىيە جۇمھۇرىيىتنىڭ پەخرىي پۇقراسى دېگەن نامغائىگە بولغان. كېيىن ياكوبىن دىكتاتورىسىغاقارشى تۇرۇش تەرەپكە ئۆتكەن. 1794 - يىلدىن كېيىن، گېتى بىلەن يېقىن ئالاقە قىلغان، ئۇنىڭ بىلەن بىللە <دەر ئىلاھەسى> دېگەن ژورنالنى چىقارغان، ۋېيمار تىياتىرىغا بىرلىكتە رەھبەرلىك قىلغان. گيۇتېنىڭ تەسىرى بىلەن يېڭى ئىجادىيەت دولقۇنى مەيدانغا كەلگەن. 1799 - يىلى <ۋاللېنىستېيىن> دېگەن ئۈچ قىسىملىق تارىخىي سەھنە ئەسەرنى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭدا ئۆزىنى گېرمانىيىنىڭ بىرلىكىگە بېغىشلىغان خالىس جەڭچىلەرنى مەدھىيلەپ،تارىخىي چىنلىقنى رېئالىزملىق بەدىئىي ئۇسۇل بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەن. ناپولېئون بېسىپ كىرگەن مەزگىلدە، <ئورلېئان قىزى> ۋە <ۋىليام تىيۇر> دېگەن ئىككى ۋەتەنپەرۋەرلىك سەھنە ئەسىرىنى يېزىپ، كەڭ نېمىس خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى قوزغىغان، ئۆمۈرۋايەت نامرات ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىنسانىيەتكە مول ئەدەبىي مىراس قالدۇرغان.