Chinese→Uyghur主要词典
希腊文化
دۇنيا تارىخى
يۇنان مەدەنىيىتى
قەدىمكى زامان دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. مىلادىدىن 3000 - 2000 يىللار ئىلگىرى ئېگېي مەدەنىيىتى - دەسلەپكى مەزگىلدىكى يۇنان مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ بولۇپ، يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ باشلانمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ - Ⅺ ئەسىرلەردىكى گومېر دەۋرىدە <گومېر داستانى> (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە تۈزۈلگەن) بارلىققا كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن شەھەر دۆلەتلىرى قۇرۇلغان. قۇللۇق تۈزۈم ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەھەر دۆلەتلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ دېموكراتىيىلىشىشى (مەسىلەن: ئافىنادا)، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. گرېتسىيىدىكى پولتېئىزم (كۆپ خۇدالىق دىنى) ۋە تەڭرىلەرگە بېغىشلاپ توقۇلغان باي ۋە كۆپ خىل ئەپسانلىرى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىتىنى مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن. ئەدەبىيات جەھەتتە، دەسلەپ ھېسئودنىڭ <تېرىقچىلىق ۋە ۋاقىت>، <خۇدالار شەجەرىسى> ناملىق ئەسىرى بارلىققا كەلگەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا شائىرە ساپفۇ بىلەن پىندارنىڭ لىرىكىلىق داستانلىرى بارلىققا كەلگەن، بۇ، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلغا تەڭكەش قىلغىلى بولىدىغان بىر خىل غەزەلدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن كېيىن تىياتىر بارلىققا كەلگەن. تراگېدىيە يازغۇچىلىرىدىن ئەئىسكولوس، سوفوكلېس ۋە ئېۋرىپىدېس (<ئۈچ چوڭ تراگېدىيە يازغۇچىلىرى>) بارلىققا كەلگەن؛ كومېدىيە يازغۇچىلىرىدىن ئاستوپان قاتارلىقلار ئۆتكەن. تىياتىر سەھنىلىرى ئادەتتە كىچىكرەك دۆڭلۈكلەرگە سېلىنىپ، يېرىم يۇمىلاق شەكىلدە بولغان، ئويۇننى كۆپرەك ھۆكۈمەت تەرەپ باشقۇرۇپ، بىر قانچە تىياتىر نومۇرلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ چىقىپ دەرىجىگە بۆلۈپ شەرەپ مۇكاپاتى تارقىتىپ بەرگەن. نەسرىي شەكىلدىكى تارىخچىلاردىن ھېرودوت، شوسىيىدىدېس، لېنوفون قاتارلىقلارنىڭ داڭقى چىققان. سەنئەت جەھەتتە بىناكارلىق، ھەيكەلتراش (تەسۋىرىي سەنئەت) ئۇتۇقلىرىمۇ ئەڭ زور بولغان. بىناكارچىلىقتا تۈۋرۈكلۈك كارىدور شەكلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان بولۇپ، ئۈچ خىل تۈۋرۈك شەكلى، يەنى دورىيان، ئېئونىيە ۋە كورىنتوس شەكلى بارلىققا كەلگەن. پارفېنون (ئافىنا) ئىبادەتخانىسىنى لايىھىلىگۈچى ۋە ھەيكەلتىراش فىدىئاس بىلەن مرون، پولىكلېت قاتارلىق ئۇستىكارلار كاتتا شۆھرەت قازانغان. ئىلىم - پەن، پەلسەپە جەھەتتە، دەسلەپتە پەلسەپە بىلەن ئىلىم - پەن ئېنىق ئاجرالمىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان پەيلاسوپلارنىڭ ئۆزى ئۆز نۆۋىتىدە ئىلىم - پەن ئالىملىرى ئىدى. پەلسەپىنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن ئاياغ ماتېرىيالىزم بىلەن ئىدېئالىزم، دىئالېكتىكا بىلەن مېتافىزىكا ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش سىڭدۈرۈلگەن. مەسىلەن: ھېراكلېت بىلەن ئېلېئا ئېقىمى، دېموكرىت بىلەن ئەپلاتونلارنىڭ دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە جەھەتتىكى قارىمۇ - قارشىلىقى بۇنىڭ ئىنكاسى ئىدىن. پىفاگوراس ئېقىمى ئاساسىي كۈچىنى ماتېماتىكا تەتقىقاتىغا قاراتقان. ئارىستوتىل ئالدىنقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەكۈنلەپ، پەلسەپە، لوگىكا، بىئولوگىيە ۋە باشقا پەن ساھەسىدە مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئېللېنىزم (يۇنانلىشىش) دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن Ⅰ ئەسىرگىچە) ئىلىم - پەن پەلسەپىسىدىن تەدرىجىي ئاجرىلىپ چىقىپ، تۈر - تارماقلارغا بۆلۈنۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش بولغان. بولۇپمۇ ماتېماتىكا، فىزىكا، ئاسترونومىيە قاتارلىق پەنلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلگەن. بۇ ساھەدە ئېئوكلىد، ئارخىمېد ، ئارىستارخۇس قاتارلىقلار ۋەكىللىك قىلالايدۇ. بۇ مەزگىلىدىكى پەلسەپسىنىڭ تەتقىقات تېمىسىدا جەمئىيەت ۋە ئېتىكا كۆز قارىشى مەسىلىگە ئەھەمىيەت بېرىلگەن. بىراق ئومۇمەن ئالغاندا پۈتكۈل مەدەنىيەتمۇ شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ زاۋالغا يۈزلىنىشى بىلەن ئاجىزلىشىپ بارغان. قەدىمكى يۇنان مەدەنىيتى نۇرغۇن جەھەتتە قەدىمكى رىم دۇنياسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ياۋروپا مەدەنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.